ستېفېن خاۋكىڭنىڭ " كېسەللىك تارىخىم " ناملىق نۇتقى
كىشىلەر مەندىن ھەمىشە : ھەرىكەت نېرۋا ھۈجەيرە كېسەللىكى سىزگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتتى ؟ دەپ سورىشىدۇ ، مەن ئۇلارغا : ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىدى ، دەپ جاۋاب بېرىمەن . مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە نورمال كىشىدەك ياشاشقا تىرىشىمەن ، كېسىلىمنى ئويلىمايمەن ياكى بۇ كېسەل ئىشلىرىمغا توسالغۇ بولارمۇ ، دەپ مەيۈسلىنىپمۇ يۈرمەيمەن ، ئاشۇنداق ھېسسىياتتا بولۇپ باققان چاغلىرىممۇ كۆپ ئەمەس .
ئۆزۈمنىڭ ھەرىكەت نېرۋا ھۈجەيرە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىمنى ئۇققان چاغدا ، ھاۋا ئوچۇق كۈندە توساتتىن گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققاندەك داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدىم . بالىلىق چاغلىرىمدىلا ئەركىن - ئازادە ھەرىكەت قىلالمايتتىم ، توپ ئويناشنىمۇ بىلمەيتتىم ، شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك تەنتەربىيە ھەرىكىتىگىمۇ قىزىقمايتتىم . بىراق ، ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندىن كېيىن ، ئەھۋالدا ئاز - تولا ئۆزگىرىش بولدى . كېمىدە رول تۇتۇش ۋە كېمە تېيىلىش دېگەندەك ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدىغان بولدۇم .
ئوكسىفوردتا ئوقۇۋاتقان 3 - يىلىدا ، ھېچ سەۋەبسىزلا بىر ، ئىككى قېتىم يېقىلىپ چۈشكىنىمدىن كېيىن ، ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ كالامپايلىشىپ كەتكىنىمنى ھېس قىلدىم . كېيىنكى يىلى كامبرىجغا كەلگىنىمدىن كېيىن ، ئاپام مېنىڭ ئەھۋالىمنى ئۇقتى ھەم مېنى ئائىلە دوختۇرىمىزنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى . دوختۇر ماڭا يەنە بىر مۇتەخەسسىسنى تونۇشتۇردى . 21 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا ، دوختۇرخانىغا كېلىپ تەكشۈرتتۈم .ئۇلار بىلەك مۇشكۇلۇمدىن ئەۋرىشكە ئالدى ، ئېلېكتر قۇتۇبىنى بەدىنىمگە قويۇپ ، سۈزۈك بولمىغان رادىئوئاكتىپلىق سۇيۇقلۇقنى ئۇمۇرتقامغا كىرگۈزۈپ ، كارىۋاتنى يانتۇ قىلىپ تۇرۇپ ، سۇيۇقلۇقنىڭ ئۈستۈن - تۆۋەنگە ئېقىش ئەھۋالىنى رېنتگېن بىلەن كۈزەتتى .بۇ تەكشۈرۈشلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن ، ماڭا قېتىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ھەم ئەھۋالنىڭ تىپىك ئەمەسلىكنى ئېيتقاندىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى . ئەمما ، مەن ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمنىڭ داۋاملىق يامانلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بولغانلىقىنى ، بەزى ۋىتامىنلىق دورىلارنى بېرىشتىن باشقا ئامالنىڭ يوقلىغىنى پەملىدىم .ئۇلار ۋىتامىنلارنىڭ ماڭا كار قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى ، شۇنداقلىقى ماڭىمۇ ئايان ئىدى ، شۇڭا كوچىلاپ سورىمىدىم .
ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغىنىمنى ھەم ئۆمرۈمنىڭمۇ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئېغىر غەمگە پاتتىم . قانداقسىگە مۇنداق كېسەل بولۇپ قالغاندىمەن ؟ بۇ دۇنيادىن مۇشۇنداق كېتىپ قالارمەنمۇ ؟ دېگەندەك خىياللار كاللامدىن كەتمەيتتى . يەنە كېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان چېغىمدا ئۇدۇلۇمدىكى كارىۋاتتا يېتىۋاتقان مەن تونۇيدىغان بىر ئوغۇل بالا ئۆپكە ياللۇغى بىلەن كۆز ئالدىمدىلا ئۆلۈپ كەتتى . بۇنى كۆرۈپ ئىچىم تېخىمۇ سىيرىلىپ كەتتى .بېشىمغا يەنە قانداق بالا - قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقى نامەلۇم ، كېسىلىمنىڭ قانچىلىك تېزلىكتە يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن ، قانداق قىلىشنى تېخىمۇ بىلمەيمەن . دوختۇر ماڭا كامبرىج ئونۋېرسىتېتىغا قايتىپ ئەمدىلا باشلىغان كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كوسمولوگىيە جەھەتتىكى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئېيتتى . بىراق ، ماتېماتىكا ئاساسىم ياخشى بولمىغاچقا ، تەتقىقات سۈرئىتىم ئاستا بولۇۋاتاتتى ، يەنە كېلىپ نېمىلا دېگەن بىلەن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەمنى تاماملاپ بولغۇچە ياشىيالمايدىغاندەك قىلاتتىم . مېنى راستتىنلا نەس بېسىپتۇ . ئىچىم پۇشۇپ ۋېگانىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىغىلى بېرىپ قويسام ، مېنى ھاراق ئىچىپ مەست يۈرۈپتۇ ، دەپ ژۇرنالغا چىقىرىۋېتىپتۇ ، بۇ بەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىك ئەمەسمۇ . چاتاقنى مۇشۇ ژۇرنال تاپتى ، بىر پارچە ماقالىدە شۇنداق دېيىلىۋېدى ، باشقىلىرىغىمۇ شۇنداق بېسىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىش چوڭىيىپ كەتتى . مەتبۇئاتلاردا شۇنداق دېيىلىۋېرىدىغان بولسا ، بۇنى خەقلەر راست دەپ ھېس قىلىشى تۇرغانلا گەپ .
ئۇ چاغدا ئارزۇ - ئۈمىدلىرىمىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى . كېسىلىمگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلۇشتىن ئىلگىرىلا ، تۇرمۇشتىن بىزار بولغانىدىم . ھاياتلىقتا قىلىشقا ئەرزىگۈدەك بىرەر ئىش باردەك ھېس قىلمايتتىم . دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىپ چۈش كۆرۈپتىمەن . تۇيۇقسىز شۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى ، ناۋادا ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىنىپ قالسام ، نۇرغۇن قىممىتى بار ئىشلارنى قىلالىغۇدەكمەن . يەنە ئۆزۈمنىڭ جېنىدىن كېچىپ باشقىلارنى قۇتقۇزغان چۈشلەرنىمۇ كۆردۈم . نېمىلا دېگەن بىلەن مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كۆرە ئاز - تولا ساۋابلىق ئىش قىلغانمۇ ياخشىكەن . بىراق ، مەن ئۆلۈپمۇ كەتمىدىم . ئەمەلىيەتتە كاللامنى ھەمىشە مۇدھىش خىياللار چىرمىۋالغان بولسىمۇ ، ھەيرانلىق ئىلكىدە شۇنى بايقىدىمكى ، ھازىرقى تۇرمۇشۇم ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ مەنىلىك ئۆتىۋېتىپتۇ . تەتقىقاتىمدىمۇ ئىلگىرىلەش بولدى . توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ تويمۇ قىلىۋالدىم ، يەنە تېخى كامبررىج ئونۋېرسىتېتىنىڭ كېلىس ئىنىستوتىدىن بىر ئۆلۈش تەتقىقات مۇكاپات پۇلىغىمۇ ئېرىشتىم . ئولتۇرىدىغان ئۆيۈمدىنمۇ تەلىيىم چىقتى . بىز توي قىلغان چاغدا ، جان ۋالدېر تېخى لوندوندىكى ۋىستېرفېلىد ئىنىستوتىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇۋاتاتتى ، شۇڭا ھەپتە ئارىلىقىدا لوندونغا بارمىسا بولمايتتى . چۈنكى مەن يىراققا ماڭالمايتتىم . شۇڭا ، مەركەزگە جايلاشقان ، ئۆزۈمگە قۇلايلىق بىرەر جايدىن ماكان تاپمىسام بولمايتتى . مەن بۇ ئىش توغرىلىق ئىنىستوتتىن ياردەم سورىغانىدىم ، ئەمما ئىنىستوتنىڭ ئەينى چاغدىكى مالىيە مۇدىرى ماڭا ئىنىستىتوتنىڭ تەتقىقاتچىلارغا ئۆي تېپىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇنىڭ بىلەن بازاردا سېلىنىۋاتقان بىر يۈرۈش يېڭى مېھمان سارايدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئۆز نامىمىزدا ئىجارىگە ئالدۇق . بىرقانچە يىلدىن كېيىن بۇ مېھمانساراينىڭ ئىنىستوتنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى ماڭا ئېيتمىغانلىقىنى ئۇقتۇم .يازنى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈپ كامبرىجغا قايتىدىغان چېغىمىزدا ، بۇ مېھمانساراي تېخى پۈتمىگەنىكەن . ھېلىقى مالىيە مۇدىرى بىزگە كۆپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ ، ئاسپىرانتلار ياتىقىدىكى بىر ئېغىز ئۆيدە تۇرۇشىمىزغا رۇخسەت قىلدى. بىز بۇ ئۆيدە ئۈچ كۈنلا تۇردۇق .ئاندىن ئۇنۋېرسىتىتتىكى مەن تۇرۇۋاتقان فاكۇلتېتقا ئارىلىقى 100 يارد كېلىدىغان بىر جايدىن ئورۇن تاپتۇق .بۇ ئۆينى سېتىۋېلىپ ئولتۇرماقچى بولۇپ ، ئىنستىتۇتقا مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇلىدىغان قەرز پۇل بېرىشنى ئىلتىماس قىلدۇق .ئىنستىتۇت بۇ ئىشنى دەڭسەپ كۆرگەندىن كېيىن ، خېيىمخەتىرى سەل چوڭ ئىكەن ، دەپ ئۇنىمىدى . ئاخىرى بىز بىناكارلىق كوپىراتىپىدىن ئاشۇنداق قەرز پۇلغا ئېرىشتۇق ، ئۆي بېزەيدىغان پۇلنى ئاپام بەردى .
بىز بۇ ئۆيدە تاكى مەن پەلەمپەيدىن چىقالمىغۇدەك بولۇپ قالغانغا قەدەر تۆت يىل تۇردۇق . بۇ چاغدا ، ئىنستىتۇت مېنى تېخىمۇ ئەتىۋارلايدىغان بولۇپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى مالىيە مۇدىرىمۇ يۆتكىۋېتىلگەنىدى . شۇڭا ، ئۇلار ئىنىستىتوتنىڭ بىر بىناسىنىڭ تۆۋەنكى قەۋەتتىكى مېھمانخانىسىنى بىزنىڭ ئولتۇرۇشىمىزغا بەردى . بۇ مېھمانخانىنىڭ ئۆيلىرى چوڭ ، ئىشىكلىرى كەڭ بولۇپ ، ئېلېكتر ماتورلۇق چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇپ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى فاكولتېتىمغا بارالايتتىم .
1974 - يىلىغىچە تاماق يېيىش ۋە يېتىپ - قوپۇش دېگەندەك ھاجەتلىرىمدىن ئۆزۈم چىقالايتتىم . خوتۇنۇم مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئىككى بالىنى بىر قوللۇق باقتى . شۇندىن باشلاپ مېنىڭ ئەھۋالىم ئاستا - ئاستا ناچارلىشىشقا باشلىدى . ئاخىر بولماي بىر ئاسپىرانتىمنى ئۆزىمىز بىلەن بىللە تۇرغۇزدۇق . بۇنىڭ ھېسابىغا ئۇ ئۆيدە ھەقسىز تۇرىدىغان ، مەن ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا يول كۆرسىتىدىغان ، بولۇپ كېلىشتۇق .يېتىپ - قوپۇشتا ئۇلارنىڭ ياردىمى بولمىسا بولمايتتى . 1980 - يىلىغا كەلگەندە ئايرىلالماس بىر كىچىك كوللېكتىپ بولۇپ قالدۇق ، خۇسۇسى سېستىرايىمىز ئەتىگەن - ئاخشامدا كېلىپ بىر ئىككى سائەت ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان بولدى . بۇ ئىشلار تاكى 1985 - يىلى مەن ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانغا قەدەر داۋاملاشتى . ئاخىر كاناينى تېشىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى . شۇنىڭدىن تارتىپ كۈن بويى ھالىمدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە فوندتىن مەنپەئەتدار بولدۇم .
ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشتىن ئىلگىرى گەپلىرىممۇ بارغانسېرى قولاشمايدىغان بولۇپ قالدى . مېنى ئوبدان بىلىدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرلا گېپىمنى ئۇقالايتتى . بىراق ئاز - تولا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغانلىقىمغا شۈكرى دېمىسەممۇ بولمايتتى . ئىلمىي ماقالەمنى كاتىپ ئېيتىپ بەرگەنلىرىم بويىچە يېزىپ چىقتى ، ئىلمىي دوكلاتىمنى بىر تەرجىمانغا تاياندىم . ئۇ مېنىڭ گېپىمنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ تەكرار ئېيتتى . بىراق ، كانىيىمنى تېشىش ئوپېراتسىيىسى قىلغاندىن كېيىن ، گەپ قىلالماسلا بولدۇم . بىر مەھەل ھەتتا باشقا بىرى ماڭا ھەرپ تاختىسىدىكى ھەرپلەرنى قوشۇپ ئىما قىلغاندا قېشىمنى كۆتۈرۈپ قويسام ئاندىن سۆزلەرنى يېزىپ چىقىدىغان بولدى . بۇ بىردىن بىر پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋاستەم بولۇپ قالدى . بۇ ھالدا ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ئىنتايىن تەس بولدى . ھېلىمۇ ياخشى كالىفورنىيىدىكى ۋات ۋولتىر دېگەن كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى مېنىڭ شۇنداق تەس كۈنگە قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئۆزى تۈزگەن بىر كومپيۇتېر پروگراممىسىنى ماڭا ئەۋەتىپتۇ . بۇ پروگراممىنى كومپيۇتېرىمغا قاچىلاپ قارىسام ئېكراندا چىققان بىرمۇنچە مۇندەرىجىلەردىن سۆزلەرنى تاللاپ ، كۇنۇپكىنى بېسىپ قويساملا بولىدىكەن . بۇ پروگراممىنى يەنە باش ياكى كۆزنىڭ ھەرىكىتى بىلەنمۇ تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن . مەن دېمەكچى بولغان سۆزلەرنى توپلىۋېلىپ ، تىل بىرىكتۈرگۈچكە يوللاپ بېرەلەيدىغان بولدۇم .
دەسلەپتە مەن ئۈستەلگە قويىدىغان كومپيۇتېردىلا ھېلىقى پروگراممىدىن پايدىلاندىم . كېيىن كامبرىجدىكى "تەڭشەش" خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكى داۋىد مازون ئىنتايىن كىچىك بىر خۇسۇسى كومپيۇتېر بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچنى چاقلىق ئورۇندۇقۇمغا ئورنىتىپ بەردى . بۇ سىستېمىدا مىنۇتىغا 15 سۆز ھاسىل قىلغىلى بولغاچقا ، بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشۇم ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئاسانلاشتى . يازغانلىرىمنى ئېيتساممۇ ، ماگنىتلىق دىسكىغا ساقلاپ قويساممۇ ، ھەتتا پرىنتېردا بېسىپ چىقارسام ياكى جۈملىمۇ جۈملە دەپ بەرسەممۇ بولاتتى .بۇ سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ئىككى كىتاب ۋە بەزى ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدىم . پەن تەتقىقاتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت بىرمۇنچە نۇتۇقلارنى سۆزلىدىم . بۇ ئىشتا تىل بىرىكتۈرگۈچ سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن بەك كۆپ ئەسقاتتى . ئۇنى تىل شىركىتى ياسىغانىدى .بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئاۋاز ئىنتايىن مۇھىم ، ئەگەر سۆزلىگەندە ئاۋازى ئېنىق چىقمىسا ، كىشىلەر ئۇ كىشىنى ئەقلى ئىقتىدارى كەمچىل ئىكەن دەپ قېلىشى مۇمكىن . مېنىڭ تىل بىرىكتۈرگۈچۈم بۈگۈنگە قەدەر مەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى ئۈسكۈنە ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ھەم رىتىملىق ، ئاڭلىغان كىشى ھەرگىز بىر ماشىنا سۆزلەۋاتىدۇ ، دەپ ئويلىمايدۇ .
مەن ئەمەلىيەتتە ھاياتىمنىڭ قىرانلىق يىللىرىنى ھەرىكەت نېرۋا ھۈجەيرە كېسەللىكىنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ ئۆتكۈزدۈم . بىراق بۇ كېسەللىك ئىنتايىن ئىللىق ئائىلەمنىڭ بولۇشىغا ۋە ئىشلىرىمدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى . مەن خوتۇن - بالىلىرىم ، نۇرغۇن دوست - بۇرادەرلىرىم ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قىلغان ياردىمىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن . ھېلىمۇ تەلەيلىك ئىكەنمەن ، كېسىلىمنىڭ يامانلىشىش سۈرئىتى ئادەتتىكى چاغلاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاستىلىدى . دېمەك ، ئادەم ھاياتىدا ھەرگىز ئۈمىتسىزلەنمەسلىكى كېرەك !