ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار
1. قىسقىغىنە 4-5 يىللىق ئوقۇش ۋاقتىنى قەدىرلەپ كەسپى بىلىملەرنى ياخشى ئۈگۈنىش كېرەك. ئىقتىدارنى چېنىقتۇرۇش، ساپا مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى دىمەيلا قويايلى، ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن سىز ئاللىقاچان پەقەت تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدىكى بىلىملەرنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز. ئىقتىدار بىلىمنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا ئالى مەكتەپتىكى قىسقىغىنە 4-5 يىلنى قەدىرلەپ كۆپرەك بىلىم ئىگىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.
2. ئاز بولغاندىمۇ بىر تۈرلۈك دەرستىن سىرتقى ھەۋىسىڭىز بولىشى كېرەك. ئۇ سىزنىڭ مەنىسىزلىك ھىس قىلغان ۋاقىتلىرىڭىزغا يېڭىچە مەنا قوشىدۇ.
3. ئىمكان بار دەرس تاشلىماڭ. ئەگەر سىزنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىڭىزنى 5000 يۇەن دەپ ھىساپلىساق، بىر سائەتلىك دەرس ئۈچۈن سىز 4.16666يۇەن سەرپ قىلغان بولىسىز.
4.ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ساپانى تولۇق ھازىرلىشىڭىز كېرەك. بەزى بىر قىسىم ئىشلارغا ئادەتلىنىشىڭىز كېرەك. ھەرقانداق بىر ئىشقا ئاڭلىق قارىشىڭىز كېرەك.
5. ئاشخانىدىكى خىزمەتچىلەرنىمۇ چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ئۇلارنىڭ مائاشىمۇ بەك يۇقۇرى ئەمەس. ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىنىڭ تامىقى ئەرزان بولغاچقا، ئۇنداق -مۇنداق مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھە دىسىلا قۇسۇر ئىزدەپ يۈرسىڭىزمۇ قاملاشمايدۇ.
6.ئەگەر ئائىلىڭىزنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولسا ياخشىراق كىيىنسىڭىز مەيلى، بىراق ئەتراپىڭىزدا ئائىلە ئىقتىسادى ناچارراق ئوقۇغۇچىلارمۇ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىيىنىشى ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىغا ئوخشىشى كېرەك. داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى ئەڭ ياخشىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىيىشنى ئويلىشىڭ.
7. يانفون ئىشلەتمەڭ. ھازىر مەكتەپ ياتاقلىرىنىڭ ھەممىسىدە تېلىفۇن بار. مەكتەپ ئىچى ۋە كوچا-كويلاردىمۇ كارتىلىق تېلىفۇنلار كۆپ. يانفون ئىشلەتسىڭىز بىر ئايدا ئاز دىگەندىمۇ 50-60 يۇەن كېتىدۇ. بۇ پۇل ھىچ بولمىغاندا سىزنىڭ 5-6 كۈنلۈك تامىقىڭىزغا يېتىدۇ. بەلكىم بىر ئائىلىنى بېقىش يولىدا جاپا چېكىۋاتقان دادىڭىزنىڭمۇ يانفونى يوق بولىشى مۇمكىن.
8.ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىز بولسا ئۇنىڭدا پاراڭلىشىپ، پىلاستىنكا كۆرۈپ، ئويۇنچۇق ئويناپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. بەت لاھىيلەش، تەھرىرلەش، سېستىما مەشغۇلاتى قاتارلىقلارنى ئۈگىنىڭ. كومپىيۇتېردا ئۈگۈنۈشكە تېگىشلىك بىلىملەر بەك كۆپ. ئۇ بىر رەڭدار دۇنيا. سىز بۇ دۇنيادىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگىنىپ كەلگۈسى ئىستىقبالىڭىز ئۈچۈن يول ئېچىشنى بىلىشىڭىز كېرەك.
9.ئالى مەكتەپكە چىقىپلا ئائىلىدىن ئايرىلغانلىقىڭىزنى بىر خىل قۇتۇلۇش دەپ ئويلاپ قالماڭ. مەكتەپتىكى پۈتمەس-تۈگۈمەس يېڭىلىقلارغا ئەسىر بولۇپ، ئاتا-ئانىڭىزغا تېنچلىق سالىمىزنى يوللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
10. مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىز ياكى قانداقتۇ ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتمىسا دەردىڭىزنى ھاراق، تاماكىدىن ئالماڭ. مۇشۇ ھاراق تاماكىنىڭ پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بىرەر ئاي خىزمەت قىلىدىغانلىقى ياكى بىرەر يىل ئېتىزغا ئىشلەيدىغانلىقىنى دىمەيلا قويايلى، كەلگۈسىدە جەمىيەتتە بىر كىشىلىك خىزمەت قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ساغلام بولىشىڭىز كېرەك. ھاراق ، تاماكا شۇ ساغلاملىقىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى.
11.دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ھەر بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئەينەكتەك روشەن بولىشى كېرەك. ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەجدادىمىزنىمۇ تونۇمايدىغان، كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ نامىنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ قالساق بولمايدۇ. شۇڭا ئالى مەكتەپ ھاياتىڭىزدا كۆپرەك كىتاپ كۆرۈڭ. دۆلەت ۋە مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا ئائىت كىتاپلارنى ئوقۇپ قويۇڭ.
12.ئىمكانقەدەر بىر ياكى بىرقانچە چەتئەل تىلىنى ئۈگۈنۈپ قويۇڭ. ھەممىگە ئايان. بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە خىزمەت تېپىشمۇ، خىزمەت ئورنىنى ساقلاپ قېلىشمۇ ئوخشاشلا تەس. ئىلغارلار تاللىنىدىغان، ناچارلار شاللىنىدىغان بۇ رىقابەت دەۋرىدە ئۈزۈپ چىقىمەن دەيدىكەنسىز ئۈگۈنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى چوقۇم تولۇق ئۈگۈنىۋېلىشقا تىرىشىڭ.