يېقىندىن بۇيان بۇ خوتۇن ، پالانى خوتۇن ، ھەتتا توي قىلمىغان قىزلارنىمۇ قوشۇپ خوتۇن كىشى دىگەندەك ھەم ئاتا-ئانامنىڭمۇ بۇ خوتۇن ياكى پالانى خوتۇن دەپ ئاتايدىغان گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتتىم . مېنىڭچە بولغاندا توي قىلمىغان قىزلارنى قوشۇپ خوتۇن دەپ ئاتاش ناھايىتى بىر مەدەنىيەتسىز ۋە بىلىمسىزلىكنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك .چۈنكى << خوتۇن >> دىگەن سۆز ھەرگىزمۇ ئاددى ۋە ئادەتتىكى گەپ ئەمەس بەلكى توي قىلىپ بولغان بىر ئائىلىگە ئانىلىق مەسئۇلىيىتى بار ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ .
97-يىلى ئۈرۈمچىدە ئوقىۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز سەنەۋەر بىزگە :ئاياللار توغرىسىدا توغرا ئاتاشنى ئۆگىنىڭلار دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ مەخسۇس بىر سائەت سۆزلىگەن . ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتۈلگەن دەرىس بولغانىدى . مەن نۇرغۇن تارىخىي كىتابلارنى كۆرگەن ، قەدىمكى دانىشمەن زاتلار ناھايىتى ئېنىق قىلىپ توي قىلىپ بولغان ئاياللارنى ئايال كىشى ياكى پۇكۇنى مەزلۇمە ئايال دەپ ئاتىغان .
ھازىر بىزدە ئەۋج ئالغىنى<< خوتۇن >> دەپ ئاتاش مەدىنىيلىك دەيدىغان ساپاسىز كىشلەرمۇ كۆپۈيۈپ كېتىپتۇ . بىز ھەرگىزمۇ نەدىكى
گەپلەرنى قوشۇپ ئاياللارنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەي ، ئۆزىمىزدىن چوڭ ئاپا قۇراملىق ئاياللانى بولسا ئىسمى بىلەن قوشۇپ ئاپا دىسەك ، توي قىلمىغان چوڭ ياشتىكى قىزلارنى يەنىلا قىز دىسەك ، ئىشقىلىپ خوتۇن دىگەن سۆزنى ئاز ئىشلەتسەك ،
مەزمۇننى ناھايىتى قىسقارتىپ يازدىم ، ھەرھالدا مەقسەتنى ئۇقتارغىلى بولار دىگەن نىيەتتە مۇشۇنچىلىك يېزىلدى .