
2010-يىلى كىرگەن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يەر شارى مىقياسىدا 6 بالدىنمۇ يۇقىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى 10 قىتىمغا يېقىن يۈز بەردى. ھايتىدا 7.3 بال، چىلىدا 8.8 بال، ياپونىيەدە 6.9 بال، پاكىستان ۋە ئاففانىستاندا 6.2 بال، تەيۋەندە 6.4 بال، تۈركىيەدە 6 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشى كىشىلەرنى «ئاخىرقى زامان 2012 »فىلىمىدىكى ۋەقەلىكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىن ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر يېقىندىن بۇيان بۇ بىر قاتار يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تاسادىپىي يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى.
«ئاخىرقى زامان 2012 » نىڭ قوللىغۇچىلىرى يەر پوستىنىڭ ھەركەتلىنىشىگە باشلىغانلىقىغا، بۇنىڭ يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم ئونۋېرسىتىتنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: چىلىدا 8.8 بال يەر تەۋرىدى، كۆپلىگەن دۆلەتتە قاتتىق سوغۇق بولدى، قاھىرەدە ئەلمىساقتىن بۇيان كۆرۈلمىگەن مۆلدۈر ياغدى. بۇلار راستىنلا 2012-يىلى ئاخىر زامان بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىمىدۇ؟ ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار بىزنى راستىنلا شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىشى مۇمكىن، دېگەن.

جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مەلۇم توردا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: كىشىلەر بىر قاتار يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن بۇنى ئامېرىكىنىڭ «مېترولوگىيە قۇرالى» كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىدى. چۈنكى ئاتالمىش بۇ قورال زامانىۋى تېخنىكا تەدبىرىدىن پايدىلىنىپ يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى، شىۋىرغان، قار كۆچكۈنى قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھايتىدا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئامېرىكىنى يەر تەۋرەشتىن پايدىلىنىپ نوپۇسنى كونتىرول قىلماقچى، دەپ ئەيىبلىگەنىدى. يېقىندا چىلىدا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن بۇخىل قاراشنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۆپەيدى، دېيىلگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 8-مارت فىرانسىيە دۆلەت يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش تورى پەن-تېخنىكا پونكىتىنىڭ باشلىقى گىرانانىك سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋرىدە: يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى بىر-بىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ماتېرىكقا تەۋە. يەر شارىدا ھەر يىلى بىر قېتىم 8 بال، 12 قىتىم 7 بال يەر تەۋرەيدۇ، شۇڭا بۇ يىلقى سانلىق مەلۇمات چەكتىن ئاشمىغان. ئادەتتىكى يىللاردا بۇ زور يەر تەۋرەش ئاپەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەمزات بولمىغان دېڭىز ئاستىدا يۈز بېرەتتى، بىراق بۇ يىل قۇرۇقلۇقتا يۈز بەردى، دېيىلگەن.

ئامېرىكىلىق بىر مۇتەخەسىسمۇ 7-مارت ئامېرىكا ئاگېنىتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ: ئۆتكەن نەچچە ئون يىل، ھەتتا نەچچە يۈز يىلغا سېلىشتۇرغاندا يەر تەۋرەش سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، لېكىن نۇرغۇن يەر تەۋرەش بەلبېغىدا نوپۇس كۆپىيىپ، ئاپەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەچكە، كىشىلەردە ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ھازىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغاچقا، قەيەردە يەر تەۋرىسە پۈتكۈل دۇنيا نەچچە مىنۇتتىلا خەۋەردار بولالايدۇ. ئىلگىرى بولسا بۇنداق خەۋەرلەر نەچچە كۈندىن كېيىن گېزىتتە ئېلان قىلىناتتى، شۇڭا كىشىلەر ھازىر يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال، دېگەن.

جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىروفېسسورى مىڭ شىياڭچىڭ 9-مارت «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرلىرىغا: ئامېرىكا «مېتېئورولىگىيە قورالى» دىن پايدىلىنىپ چىلىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىنى پەيدا قىلدى، دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەقىقەتەنمۇ «مېتېئورولىگىيە قورالى» ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان، لېكىن ئۇرۇشتىن بۇ خىل قۇرالنىڭ تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق. ھەر قانداق قورال ئاۋۋال سىناق قىلىنىدۇ. مەسىلەن، يادرو قورالىمۇ ئاۋۋال سىناق قىلىنىدۇ، ئەمما بىز ھازىرغىچە بىرەر دۆلەتنىڭ «مېتېئورولىگىيە قورالى» نى سىناق قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق، دېگەن.
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى