شەيتانى خىيالىڭ پەرۋاز ئەيلىگەن ،
خۇلقىڭدىن ياخشىلىق يىراق چەتنىگەن .
جىسمىڭدىن تارايدۇ شۇ سېسىق ھىدلار ،
چۇقۇمكى سەن شەيتانغا قولۇڭنى بەرگەن .
*
قەدەمدە ھەر شۇملۇقلار ئېلىپ كىلىسەن ،
دوستۇڭنى قان يىغلىتىپ ئۆزۈڭ كۇلىسەن .
توشقانتى باغرىڭغا شۇ نىجىسلىق ھىسلار ،
سەن بۇنى بىلمەي بەك غەمسىز يۈرىسەن .
*
بىراۋنىڭ نامىنى دائىم بولغاپلا يۈرسەڭ ،
بىئارام بولمامسەن شۇ گۆشىنى يىسەڭ .
ھۇشۇڭنى تاپ بولمىغىن قۇل شەيتانغا ،
نامىزىڭ چۇشۇرۇلمەس سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ .
*
ھەر كىمنى غاجايسەن كورەلمەي شۇنداق ،
جەسەتتىن نېمە پايدا كوردۇڭ ئېيتقىنە قانداق ؟
سەن ۋاقىتلىق يامانلىق قىلغىنىڭ بىلەن ،
ئالدىرما بېشىڭغا دەھشەت كۈن كېلەر شۇنداق .
*
غەيۋەتخور بىلىپ قوي بۇ ئۆتنە ئالەم ،
جەسەت يىگەن ئەمەس ئۇ ھەقىقىي ئادەم .
يەنىلا قايتمىساڭ شۇ رەزىل يوللاردىن ،
بىلىپ قوي قانخور كەلگۇسىڭ بولار ماتەم .