ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى بەيلېيۈەن ئولتۇراق رايۇنىدا تۇرۇشلۇق بىر ئادەتتىكى ئاھالە ،13 يىلدىن بۇيان ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ساقچى فورمىسىنى كىيىپ ئۆز ۋاقتىدا ئىشقا چىقىپ ئىشتىن چۈشۈپ يۈرگەن ،ساقچىلىق ئۇنىۋانى يىلمۇ-يىل ئۆسۈپ تۇرغان،قۇشنىلىرى ئۇنى«ۋاڭ ساقچى »دەپ ئاتاپ ئادەتلىنىپ كەتكەن .ئەگەر نەچچە كۈن ئاۋال بىر ئالدامچىلىقى ئاشكارلىنىپ كەتمىگەن بولسا،ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭ يالغان ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتى .
بۇ 48 ياشلىق «ۋاڭ ساقچى » نىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.8 مىتىر ،ساقچى كىيىمىدىكى ئۇنىۋانى ئىككىنچى دەرىجىلىك يېتەكچى ساقچى،بىز تەكشۈرگەندە،ئۇ ناھايتتى تەبىئى ،خۇددى بىر راست ساقچىدەك،بىر ساقچى تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دىدى،ئۇ يەنە:بۇ يالغان ساقچى ناھايتتى «كەسپى »ئىكەن ،ئۇنىڭ ساقچى كىيىملىرى،ساقچىلىق ئۇنىۋانلىرىنىڭ بىرىمۇ كەم ئەمەس ئىكەن،دىگەن .


يالغان ساقچىنىڭ كىيىملىرى