‹‹ ياشاش كېرەكمۇ ؟ ھالاك بولۇش كېرەكمۇ ؟ ›› بۇ ، چوڭ مەسىلە . شېكىسپىرنىڭ بۇ سۆزنى قىلغىنىغا 400 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، يەنىلا قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە .
ئاچارچىلىق ، كېسەل ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ، تېرورلۇق ھۇجۇمى ، ئىقتىسادىي كرىزىس ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ، يەر تەۋرەش ، كەلكۈن ، قۇرغاقچىلىق ، يانار تاغ پارتىلاش ، قۇيۇن قاتارلىق ئاپەتلەر ھەممە يەرنى قاپلىدى .
بۇلار ئىنسانىيەت ھاياتىغا تەھدىت بولماقتا . بۇ 2009 – يىلدىكى يېڭى مەسلە ، يېڭى كىرىزىس بولمىسىمۇ ، ئەمما 2009 – يىلى يېڭى ئالاھىدىلىك ، يېڭى يۈزلىنىشلەر كۆرۈلدى .
ئاشلىق ، سۈكۈتلۈك دېڭىز تاشقىنى
2009 – يىل 16 – ئۆكتەبىر 29 – قېتىملىق دۇنيا ئاشلىق كۈنى .
بۇ كۈنى كېنىيەنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇتۇلۇ كەنتىدە 80 نەچچە ياشلىق بوۋاي قەسۋى ئەسقەر ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەكلا ئوتۇن كۆمۈرى ساتتى . مۇخبىر ئۇنىڭ كوچىدا كۈندە تىلەمچىلىك قىلىدىغان نەۋرە قىزىدىن : قانداق سوۋغا ئالغىڭىز بار ؟ دەپ سورىسا ، ئۇ كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ : ‹‹ بىر قاپ پېرەنىك ›› ، دەپ جاۋاب بەرگەن .
شۇ كۈنى دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنى رىمدا داغدۇغىلىق باشلاندى . يىغىندىن ئىلگىرى ب د ت باش كاتىپى بان كمون بىلەن ئاشلىق ، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دىۋوف 24 سائەت ئاچلىق ئېلان قىلىپ ، كىشىلەرنى ئاشلىق كرىزىسىغا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىق قىلىشنى ئۈمىد قىلدى ؛ ب د ت ئاشلىق ، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ ، 2009 – يىلى دۇنيادا ئاچ قالغانلار بۇلتۇرقىدىن 100 مىليون كىشى كۆپىيىپ ، 1 مىلياردتىن ئاشتى ، دېدى .
1 مىليارد
1 مىليارد سان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سان بولسىمۇ ، ئەمما ھاياجانغا سالغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى . بۇ قېتقمقى ئاشلىق بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا تەرەققىي قىلغان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قاتناشمىدى . ھەتتا ئۇلارنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللىرى يىغىندا 2025 – يىلغىچە ئاچارچىلىقنى تولۇق تۈگىتىش نىشانىنىڭ بېكىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى .
2009 – يىلى يېڭى ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا ئەمەلدارلار ئەڭ كۆپ يىقىلغان يىل بولدى . يىغىن ئاخىرىدا ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە تەلىيى كاجلىق قىلىپ ، ئەكسىچە يول تۇتىدىغان ئىككى خىل ئەمەلىيەتنى بېكىتتى . بىرى ئون يىلدىن بۇيان دۇنيادا ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ئاشقان بولسىمۇ ، ئاچارچىلىقتا قالغانلار ئازايماي ، ئەكسىچە ، كۆپەيدى ؛ ئىككىنچىسى ، ب د ت 2000 – يىلى ‹‹ 1000 يىللىق تەرەققىيات نىشانى ›› نى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، 2015 – يىلغىچە دۇنيادىكى ئاچارچىلىقتا قالغان 800 مىليون ئاھالىنى 400 مىليونغا ئازايتىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە بۇ نىشانغا يەتمەكتە يوق ، ئاچارچىلىقتا قالغانلار ئون يىل ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپەيدى .
زوراۋانلىق داۋاملاشماقتا
بەختكە يارىشا 2009 – يىلى دۇنيادا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش ياكى ئۇرۇش بولمىدى ، ئەمما ، ئىنسانىيەتنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى تۈپ جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىدى . بۇ يىل دۇنيا مىقياسىدا زوراۋانلىق ھۇجۇمى ئىنسانلارغا ئاپەت بولدى . يىراقنى مىسال قىلساق ، يەر تەۋرەش ، كەلكۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى .
بۇ يىل سومالى تېخىمۇ داۋالغۇش ئىچىدە قالدى ، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى بۇلاڭچىلىق دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەندىن سىرت ، يەنە پاي چېكى بازىرى قۇردى ، 70 نەچچە دېڭىز قاراقچىسى شېركىتى پېيىنى بازارغا سالدى .
ئاففانىستان ، ئىراق ۋە پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىكى كۈنسايىن يامانلاشتى . ئاففانىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر 3000 قېتىمدىن كۆپرەك ئادەمبومبا ھۇجۇمى قوزغىدى ياكى يول بويىغا بومبا كۆمۈپ ھۇجۇم قىلدى . ئىراق پايتەختى باغدادتا پارتىلىتىش كۆپ يۈز بەرگەچكە ، كىشىلەر قەيەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىلەلمەي قالدى . پاكىستاندا يەتتە ياشقا كىرگەن بالا تېلىۋېزوردىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ بولۇپلا دادىسىدىن : بۈگۈنكى پارتلاشتا قانچە ئادەم ئۆلۈپتۇ ؟ دەپ سورىغان .
ئەگەر 2009 – يىلى ئېغىر بەدەل تۆلىگەندىن كىيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولۇشىدىن ئۈمىد بار دۆلەت قايسى ؟ دېيىلسە ، ئاۋال سېرىلانكا دېسەك بولىدۇ . سېرىلانكا بۇ يىل 5 – ئايدا 20 نەچچە يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ مۇتلەق غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى . لېكىن شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى ، سېرىلانكىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا 70 نەچچە مىڭدىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى . بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تامىل ئىلام يولۋىسى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا 6500 گە يېقىن پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى .
ئۇنىڭدىن سىرت ، فىلىپپىندا 11 – ئايدا 60 چە كىشىنى تۇتقۇن قىلىش ، قىرغىن قىلىشتەك ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بېرىپ ، دۇنيانى چۆچۈتىۋتتى . بۇ ۋەقە فىلىپىننىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى .
تەبىئىي ئاپەت تەھدىتى
بۇلتۇر 30 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، ھىندونېزىيىلىك 31 ياشلىق IT ئېنژېنىرى رونى غەربىي سۇماترا ئۆلكىسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋاتقاندا . تۇيۇقسىز غايەت زور كۈچنىڭ ئاپتوموبىلنى ئۆرۈۋەتمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى سەزگەندەك قىلغان . ئۇ ئېنژىنېر ئەسلەپ : يەر يېرىلدى ، بىنالار غۇلاپ چۈشتى ، ‹‹ شۇ چاغدا قىيامەت قايىم بولغان ئوخشايدۇ ››دەپ قالدىم ، بەختىمگە يارىشا جېنىم ئامان قالدى ، دېدى .
شۇ قېتىم ھىندونىزىيىدە 7.6 بال يەر تەۋرەپ ، 1100 دىن كۆپ ئادەم قازا قىلدى ، نەچچە مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى .
2009 – يىلى 2 – ئايدا ئاۋسترالىيىدە ئورمانلىققا ئوت كېتىپ ، 173 كىشى قازا قىلدى ، 7000 دىن كۆپ كىشى ماكانسىز قالدى ؛ 9 – ئايدا ‹‹ كاسانا ›› ناملىق بوران فىلىپپىندا قۇرۇقلۇققا چىقتى ، شۇ قېتىمقى بوراندا ئاز دېگەندە 246 كىشى قازا قىلدى ، 730 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانسىز قالدى ؛ يەنە شۇ 9 – ئايدا جەنۇبىي تېنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت — ساموئا ۋە ئامېرىكىغا قاراشلىق ساموئا تاقىم ئاراللىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە 8 بال يەر تەۋرەپ ، دېڭىز تاشقىنى پەيدا بولدى ، 183 كىشى قازا قىلىپ ، ‹‹ جەننەت ›› دەپ نام ئالغان بۇ ئارال دۆلىتىنى خانىۋەيران قىلىۋەتتى ؛ 11 – ئايدا ئۇدا قار يامغۇر يېغىپ ، كۈچلۈك بوران چىققاچقا ، ئەنگىلىيە ئاز كۆرۈلىدىغان كەلكۈن ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، سۈرەتتەك چىرايلىق كامبىرىيە ۋىلايىتىدىكى كۆۋرۈكلەر ئۆرۈلۈپ كەتتى ، دېڭىز سۈيى تاشتى ...
نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ، تەبىئىي ئاپەت ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇشىغا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە زىيان سالدى . بۇ ئاپەتلەر ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتە مەركەزلىك ئىپادىلەندى . دېمەك ، تەبىئىي ئاپەت ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ، دۇچ كېلىۋاتقان ۋە دۇچ كېلىدىغان ئېغىر خىرىسلارنىڭ بىرى . يەر شارى ئىللىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ناچار كېلىماتنىڭ ئىزچىللىقى ، ئېغىر تەبىئىي ئاپەتنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى ئىنسانلارغا تېخىمۇ زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ .
A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى ھەممەيلەننى ساراسىمىگە سالدى
2009 – يىلى 4 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى مېكسىكا شەھىرىدىكى فوتوگراف داۋېد دراپاس تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ‹‹ چوشقا زۇكىمى ›› ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى زىيارەت قىلىپ ، ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن ، فوتو ئاپپاراتىنى ئىسپىرتلىق پاختا بىلەن سۈرتۈپ ، مۇنچىغا چۈشۈپ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئىشلەتكەن ماسكا ۋە رېزىنكە پەلەينى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئىككى قىزى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشكە پېتىنالىدى .
بۇ ۋېرۇس دۇنياغا تېزلا تارالدى ، يېقىندا بۇ ۋېرۇسقا ‹‹ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى ›› دەپ ھەقىقىي كەسپىي نام قويۇلدى . دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇلتۇر 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ۋىرۇستىن ساقلىنىش دەرىجىسىنى 6 – دەرىجىگە كۆتۈرۈپ ، تارقىلشىچان زۇكامنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . بۇ ، 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، دۇنيانىڭ تۇنجى قېتىم قىتئە ئاتلىغان كەڭ دائېرىلىك تارقىلىشچان زۇكامنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىدۇر .
A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى دۇنيا ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش سېستىمىسىغا زور خىرىس پەيدا قىلدى . نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندا مەكتەپلەر دەرستىن توختىغان ، دوختۇرخانىلار جىددىيلەشكەن ، ماسكىلارنىڭ بازىرى چىققان ، ۋاكسىنا يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنىگىچە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى دۇنيادا 10 مىڭ 582 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان . بۇ پەقەت تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلىرى ، ئەمەلىيەتتە ئۆلگەنلەر بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن .
A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى ‹‹ يەر شارى كەنتى ›› دىكى بارلىق پۇقرانى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى ، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ئاممىۋى بىخەتەرلىك ھەققىدە سىگنال بەردى .
كىلىمات يەر شارى بىلەن تەڭ ئىللىدى
2009 – يىلى ‹‹ كىلىمات يىلى ›› دەپ ئاتالدى . بۇ يىل يەر شارى ئىللىپ كېتىشنىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىتىگە جامائەت يۈكسەك دىققەت قىلدى .
2009 – يىلى 3 – ئايدا دۇنيا بويىچە 4000 دىن كۆپ شەھەردە ‹‹ بىر سائەت چىراغ ئۆچۈرۈلدى ›› . سېدنىي تىياتىرخانىسى ، نيۇيورك ئىمپېرىيە سارىيى ، بېيجىڭدىكى ‹‹ چاڭگا ›› ، پارىژ ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ، مىسىردىكى ئەلئېھرام ، لوندوندىكى بۇككىنھام ئوردىسى قاتارلىق دۇنيادىكى 300 دىن كۆپ سىمۋول خاراكتېرلىك ئىمارەت چىراغلىرىنى ئۆچۈردى .
10 – ئايدا دۇنيا ئىللىپ كەتسە دۆلىتىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن مالدىۋې زۇڭتۇڭى ناھىد 12 مىنىستىر بىلەن غەۋۋاس كىيىمى كىيىپ ھىندى ئوكياننىڭ تۆت مېتر سۇ ئاستىدا كابېنت يىغىنى ئاچتى .
12 – ئايدا نېپال زۇڭلىسى 23 كابېنت ئەزاسىنى باشلاپ جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ 5242 مېتر ئىگىزلىكتىكى جايىدا ئوكسىگېن ساندۇقىنى سەپلەپ ، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئىگىز ئورۇندا كابېنت يىغىنى ئېچىپ ، كىشىلەرگە قار – مۇزنىڭ ئېرىشى بۇ ‹‹ تاغ دۆلىتى ›› ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن سىگنال بەردى .
يەنە شۇ ئايدا ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى دانىيە پايتەختى كوپىنھاگېندا ئېچىلدى . يىغىنغا 100 دىن كۆپ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ، 3000 دىن كۆپ مۇخبىر ، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئون نەچچە سۆھبەت ۋەكىلى ، ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ 20 مىڭدىن كۆپ ئەزاسى ۋە كۆزەتكۈچى قاتناشتى . ‹‹ يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ›› تېمىسىدىكى مۇھاكىمە بىر مەھەل يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى .
‹‹ بىر سائەت چىراغ ئۆچۈرۈش ›› تىن تارتىپ ھىندى ئوكيان دېڭىزى ئاستى ، جۇمۇلاڭما لاگېرى ، كوپىنھاگېن يىغىنىغىچە بولغان جەرياندا كىشىلەرنىڭ دىققىتى كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئىنسانىيەتنىڭ ماكانىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بىرلا نۇقتىغا مەركەزلەشتى .
كوپىنھاگېن يىغىنىدىكى ئاشكارا تالاش – تارتىشلار ، ھەر قايسى ئەل خەلقىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى ، نۇرغۇن دۆلەت ‹‹ پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىمىز ›› دەپ ۋەدە قىلدى . بۇ يىغىن ئىنسانلارغا رېئال ئىختىلاپنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش بىلەن بىللە ، دۇنيانىڭ قول تۇتۇشۇپ كىلىمات ئۆزگېرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئۈمىدىنى تۇغدۇردى .
كەلگۈسى قانداق بولىدۇ ؟
21 – ئەسىردىكى تۇنجى ئون يىل ئاخىرلاشتى ، يېڭى يىلمۇ كەلدى ، يەنە ئون يىل ئۆتىدۇ ، ھەتتا يۈز يىلمۇ ئۆتىدۇ . ئىنسانلار يەنە قانداقتەھدىتكە دۇچ كېلەر ؟ بۇ تەھدىتلەرگە يەنە قانداق تاقابىل تۇرار ؟
ئەنگىلىيە ئاسترونومى ۋە فىزىكى سىتىففىن خوككىنېگ دۇنيا تور ئەھلىگە : ئىنسانلار كىيىنكى 100 يىلنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ ؟ دېگەن سوئالنى قويغان . ئۇ بىر ئايدا نەچچە مىڭ جاۋاب تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن بۇ سوئالنى ياندۇرۇپ سورىغان . سىتىففىن خوككىنېگ دۇنيا تور ئەھلىگە يەنە : بۇنىڭ جاۋابىنى بىلمىگەچكە سىلەردىن سورىدىم دەپ جاۋاب بەرگەن .
بۇ سوئالنىڭ مەڭگۈ جاۋابى بولماسلىقى مۇمكىن . ئەمما بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا كىشىلەر تەپەككۈر قىلىپ ، باشقىلارنىڭ گەپ – سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، تېخىمۇ مۇۋاپىق تەدبىر بەلگىلەيدۇ ، تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ . ئۇنىڭ ھەقىقىي جاۋابىنى ئىنسانىيەتنىڭ ھەرىكىتى بەلگىلەيدۇ .