
دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا ، دۇبەيدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش — ‹‹دۇبەي مۇنارى›› يېڭى يىلنىڭ 4 – كۈنى يەنى ، 2010 – يىلى 4 – يانۋار سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، جەمئىي 160 قەۋەتتىن تەركىب تاپقان بۇ بىنا 818 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ ، نۆۋەتتە 15 مىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىسى ۋە 7500 نەپەر قۇرۇلۇش نازارەتچىسى كېچىلەپ ئىشلەپ مۇنارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرىۋېتىپتۇ

پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان ‹‹دۇبەي مۇنارى›› (28 – دېكابىر تارتىلغان سۈرەت)

‹‹دۇبەي مۇنارى››نىڭ 39 – قەۋىتىگە سېلىنىپ نۆۋەتتە بېزىلىۋاتقان ھەشەمەتلىك مونچا ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك دۇبەي مېھمانسارىيىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن ياسالماقتا

دۇبەي مۇنارىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى

‹‹دۇبەي مۇنارى››نىڭ سۇ سىستېمىسى ھەر كۈنى 250 مىڭ گاللون سۇغا ئېھتىياجلىق . بۇنىڭدىن باشقا، بۇ مۇنارغا دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز (64كىلومېتىر/سائەت) لىفىت ئورنىتىلغان

‹‹دۇبەي مۇنارى››نىڭ ئەتراپىغا 30 مىڭ ئائىلىلىك ، توققۇز مېھمانساراي ، ئالتە مەيدان ، 19 ئاھالىلەر تۇرالغۇ مۇنارى ۋە كۆلىمى 12 گېكتار كېلىدىغان دۇبەي كۆلى قاتارلىقلار مەركەزلەشكەن

مۇنارنىڭ 124 – قەۋىتىگە جايلاشقان ئېكىسكۇرسىيە سۇپىسى كىشىلەرنى ئەڭ جەلپ قىلىدۇ