نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> بۈگۈنكى دۇنيا >>
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2009-يىللىق 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەرلەرنى باھالاپ چىقتى
يوللىغان ۋاقىت:2009-12-31 18:27:07  يازغۇچى:نادىرە  كىلىش مەنبەسى:互联网  ئاۋاتلىقى:2810   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 30-دېكابىر تېلېگراممىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2009-يىللىق 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەرنى باھالاپ چىقتى. (ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلدى)

  1. خەلقئارا جەمئىيەت دېڭىز قاراقچىلىرىغا بىرلىكتە زەربە بەردى

  2009-يىلى ئادېن قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تېخىمۇ غالجىرلاشتى. يىل بېشىدىن بۇيان 40قا يېقىن پاراخوت ۋە 500نەچچە پاراخوت خادىمى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرىدى. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت تۈركۈم قوغدىغۇچى قىسىم ئەۋەتىپ ئادېن قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆپ دۆلەت دېڭىز كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە پاراخوتلارنى قوغدىدى. 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە جۇڭگو، روسىيە، ھىندىستان، ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيىسى، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش قوشۇنى، كۆپ دۆلەت دېڭىز كۈچلىرى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ئادېن قولتۇقىدا پاراخوت قوغداش بويىچە خەلقئارالىق ھەمكارلىشىش،ماسلىشىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئادېن قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىنى رايونلارغا ئايرىپ قوغداش ھەمكارلىقى مۇزاكىرە قىلىندى، پاراخوت قوغداش خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.


2.ئوباما ئاق سارايغا كىرىپ يېڭى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويدى

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى دېموكراتلار پارتىيىسىدىن باراك ئوباما قەسەم بېرىپ ئامېرىكىنىڭ 44-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئافرىقا قان سىستېمىسىدىكى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى. «ئىسلاھات» بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان ئوباما 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پراگا، قاھىرە ۋە توكيودا «يادروسىز دۇنيا»، «ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش»، «ئاسىيا سىياسىتى» دېگەن تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە سىياسىتىنى شەرھىلىدى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدە «يېڭى باشلىنىش» بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستانغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىنى، ياۋروپادىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش پىلانىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاسىياغا بولۇپمۇ شەرقىي ئاسىيا رايونىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

 3. چاۋشيەن يادرۇ مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى چاۋشيەن چاۋشيەن-كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ھەربىي ئىشلاردىكى قارشىلىشىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى چاۋشيەن ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى بايانات ئېلان قىلىپ چاۋشيەننىڭ شۇ ئايدىكى قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى ئەيبلىگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى چاۋشيەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللاپ چاۋشىيەننىڭ يادرو سىنىقىنى «ئەڭ قاتتىق ئەيبلەيدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا چاۋشيەن تولۇق كۆيمىگەن يېقىلغۇ نەيچىسىنى قايتا بىرتەرەپ قىلىشنى تاماملىدى. 10-ئاينىڭ 5-كۈنى چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم چوڭرى جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە چاۋشيەن تەرەپنىڭ چاۋشيەن-ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 4.ئامېرىكا-رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ئەندىشىسنى قوزغىدى

  ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 11دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە سىبىرىيە ھاۋا بوشلۇقىدىكى تەخمىنەن 790 كىلومېتىر ئېگىزلىكتە، ئامېرىكا ئىرىدىئۇم سۈنئىي ھەمرا شىركىتىنىڭ «ئىرىدىئۇم 33»ناملىق سودىغا ئىشلىتىدىغان ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى روسىيەنىڭ كېرەكتىن چىققان «ئالەم 2251» ناملىق ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى بىلەن سوقۇلۇپ كەتتى. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن تولۇق ئوربېتىدىكى سۈنئىي ھەمراھنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى بولۇپ، زور مىقداردا ئالەم ئەخلىتى پەيدا قىلىپ، كىشلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى بىخەتەرلىكىكە بولغان ئەندىشىسنى قوزغىدى. ئىنسانىيەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەلەشتۈرۈشنى كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

5.جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يېڭىچە ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئستراتېگىيە مەزمۇنى موللاشتى

  1-ئاپرىل جۇڭگو دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن لوندوندا تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى 21-ئەسىردە پائال، ھەمكارلىشىدىغان ئۇمۇميۈزلۈك جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشقا قوشۇلدى. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، دۇنيا ۋە رايونلار مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىق، ئستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى قاتارلىقلاردا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى رەئىس خۇ جىنتاۋ زىيارەتكە كەلگەن زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بەش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

6. A تىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى يامراپ، كۆپ دۆلەتلەر ۋاكسىنا ئەملەشنى قانات يايدۇردى

  6-ئاينىڭ11-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى AتىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكىمىنىڭ ئاگاھ دەرىجىسىنى 5-دەرىجىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجە 6-دەرىجىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. 7-سېنتەبىر جۇڭگو بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەملەشكە بولىدىغان لاياقەتلىك ۋاكسىنىنى تارقىتىپ، دۇنيادىكى A تىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئىشلەتكەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى كۆپ دۆلەتلەر A تىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسىنى ئارقا-ئارقىدىن تارقاتتى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئەملەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 23-دېكابىردىكى ئەڭ يېڭى كېسەللىك ئەھۋالى ئۇقتۇرۇشىدا، 20-دېكابىرغا قەدەر پۈتۈن يەر شارىدا 11516 ئادەمنىڭ AتىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكىمىدا ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى. نۆۋەتتە، A تىپلىقH1N1 تارقىلىشچان زۇكىمى ۋىرۇسى ياۋروپا، ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە يەنىلا تارقىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئاجىزلاشقا يۈزلەندى.

7. ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيىسى سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى

  8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە دېموكراتلار پارتىيىسى 45-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلىپ، پارلامنېتتا 45 يىل بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى ئىگىلىدى. دېموكراتلار پارتىيىسى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە يېڭى خەلق پارتىيىسى بىلەن كېڭىشىپ، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى دېموكراتلار پارتىيىسى يادرولۇقىدىكى ئۈچ پارتىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىدى. يېڭى ھۆكۈمەت ئىچكى ئىشلار جەھەتتە، «بيۇروكرات سىياسەت»نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، «سىياسىئون يېتەكچىلىك قىلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ؛ دىپلوماتىيە جەھەتتە، ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە «باراۋەر» ياپونىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، ئاسىيا دىپلوماتىيىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، «شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


8. دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىستىن قۇتۇلۇپ جانلىنىشقا يۈزلەندى

  دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ زەربىسىدە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىقتىسادىدا ئېغىر چېكىنىش كۆرۈلۈپ، 2009-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق مىنۇس ئېشىش ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشىكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە چۈشۈش نىسبىتى %1.1 بولىدىكەن. 4-ئايدا ۋە 9-ئايدا 20 دۆلەت گۇرۇھى لوندون ۋە پىتتسبۇرگدا پۇل مۇئامىلە باشلىقلار يىغىنى ئېچىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى ياخشىلاش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا غەربتىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە جانلىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە 2010-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %3.1 ئېشىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.


9. «لىسبون كېلىشىمى»نىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش قەدىمىنى تېزلەتتى

  11-ئاينىڭ 3-كۈنى، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاساسىي قانۇن كېلىشىمى»نىڭ «ئاددىي شەكلى» دەپ ئاتالغان «لىسبون كېلىشىمى» 27 ئەزا دۆلەتتە تەستىقلاش تەرتىپى تاماملاندى. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى بۇنىڭغا ئاساسەن بىلگىيە باش ۋەزىرى ۋان رومپىينى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دائىمىي رەئىسىلىكىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەنگلىيىلىك ئاشتوننى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىللىكىگە سايلىدى. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى «لىسبون كېلىشىمى» رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ يېڭى كېلىشىمگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئۇسۇلى ۋە ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇشى چوڭ تەڭشىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدە يەنە بىر ھالقىلىق قەدەم تاشلىدى.

 10. كوپىنھاگېن يىغىنىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش قىيىنغا چۈشتى

  12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنى دانىيە پايتەختى كوپىنھاگېندا چاقىرىلدى، دۇنيادىكى 190 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 15 مىڭدەك ھەر ساھە ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى، 100 نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، ب د ت ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلىرى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىننىڭ باشلىقلار كېڭىشىگە قاتنىشىپ «كيوتۇ كېلىشىمى»نىڭ بىرىنچى ۋەدە مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پارنىكسىمان گازلارنى قانداق ئازايتىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى. 13 كۈنلۈك جاپالىق سۆھبەت ئارقىلىق قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان «كوپىنھاگېن كېلىشىمى»نى ساھىل قىلدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان گىمون بۇ قېتىمقى يىغىن «توغرا يۆنىلىشكە قاراپ بىر قەدەم چامدىدى» دېدى.

تورداش << نادىرە>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ