مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت 1982- يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى قارارلىق بالېت كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. تۆت يىللىق ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، پىئانىنو كەسپى بويىچە تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش يىلىدا ئۆزى قوشۇمچە ياپون، ئىنگلىز تىللىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇدا بەش يىل مەكتەپ بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى"، ئاپتونوم رايون بويىچە 2002-يىلى "مۇنەۋۋەر ستۇدېنت" بولغان. ئۇ 2001- يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن "توياما لوڭقىسىنى تالىشىش" پىئانىنو مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار گۇرۇپپىسىدا 2-لىككە ئېرىشكەن. 2002- يىلى 6- ئايدا مەكتەپنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يالغۇز كىشلىك پىئانىنو كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. 2003- يىلى 2- ئايدا پارىژ «1901-يىل» سەنئەت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇشقا چاقىرىقى بىلەن فرانسىيىگە چىققان. بىر يىللىق فرانسۇز تىلى، پىئانىنو كەسپى ئۆگىنىش تەييارلىقىدىن كەيىن، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، فرانسىيە دۆلەتلىك «پارىژ 10-ئۇنۋېرسىتەتى » ئىنسانشۇناسلىق كەسپى تولۇق كۇرسىنىڭ 3- يىللىقىدىن باشلاپ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان.
مۇقەددەس مىجىت بىر تەرەپتىن پىئانىنو كەسپى بويىچە يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇۋاتقان كەسپى ئىنسانشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت، دوكتور ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلىم تەھسىل قىلماقتا.
ئۇ فرانسىيىدىكى ئوقۇش ھاياتىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا، كۆرگەنلىرى ئاساسىدا مەزكۇر ئەسەرنى يېزىپ چىققان.
داۋېدنىڭ سوئالى
پارىژغا كەلگەندىن كېيىن، مېنى ئەڭ بىئارام قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى - ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ شۇنچە ئازلىقى، بۇ يەردىكى دېمەتلىكلىرىمدىن ئارقىدا قالغانلىقىم بولدى. بۇلاردا ئانا تىلىدىن باشقا ئۈچ - تۆت تىلنى بىلىش ئادەتتىكى ئىش ئىكەن. ئەگەر بىز ئانا تىلىمىزدىن باشقا بىرەر تىلنى، ھەتتا دۇنيا تىلىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگەنمىسەك، يەنە ئىمتىھاندا مانچە نومۇر ئالدىم، مەكتەپتە "ئىلغار سىنپ كادىرى" بولدۇم، ئارخىپىم چىرايلىق سۆزلەرگە تولغان، دەپ كېرىلگىنىمىز بىلەنمۇ بىكار (مەنمۇ باشلانغۇچتا مەملىكەت بويىچە تىرىشچانلىق" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، سەنئەت ئىنسىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىدا ئۇدا "ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى" ، ئاپتونوم رايون بويىچە "مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى" بولۇپ باھالانغان). ئەگەر بۇ يەردىكى 20 ياشلىقلارنىڭ بىر نەچچە تىلنىڭ ئۆتكىلىدىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ بولغانلىقىنى، يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ كەسپىي بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلاپ كەتكەنلىكىنى بىلسىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئىمكانىيىتىڭىز شارائىتىڭىزدا ئوخشاشلىقلار كۆپ بولمىسىمۇ، ئوتتەك ياشلىق باھارىڭىزنىڭ، ئەقىل - ھوشىڭىزنىڭ ئوپمۇ - ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىغىنىڭىزدىلا، 20 يىلىڭىزنى ئۇلارنىڭ 20 يىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ چوقۇم ئەپسۇسلىنىسىز.
تىل مەكتىپىگە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بۇ يەرگە فرانسۇز تىلى ئۆگەنگىلى كەلگەن داۋېد ئىسىملىك گېرمانىيىلىك بىر يىگىت بىلەن سۆزلىشۇپ قالدىم. پاراڭ كۆپرەك مېنىڭ ۋەتىنىم ۋە يۇرتۇم، ئۇيەردىكى ياشلارنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇشى توغرىسىدا بولدى، ئەمما ئۇنىڭ بەزى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇردۇم. ئەلۋەتتە ياخشى سوئاللار ئىدى. مەنمۇ جاۋاب بېرىشتە تىلدىن قىينالمايتتىم ( بىز ئىنگلىزچە سۆزلەشتۇق). ئۇنداقتا نېمىشقا جاۋابسىز قالدى؟ داۋېد بۇ يىل 25 ياشتا ئىكەن. فىزىكا پەنلىرى بويىچە ئاسپىرانتلىقنى تۈگىتىپتۇ. ئافرىقىدا ئىككى يىل ئىشلىگەن خىزمەت تەجرىبىسى، ئىككى خىل كەسىپتىن دىپلومى بار بولۇپ، ھازىر ئۇ گېرمانىيىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى ئىكەن. تۆت خىل تىلدا راۋان سۆزلىيەلەيدىكەن. ئۇنىڭ پارىژدىكى كۈندىلىك پىلانى -- چۈشتىن ئاۋۋال تۆت سائەت فرانسۇزچە ئۆگىنىش، چۈشتىن كېيىن بەزى كۈنى ئالتە، بەزىدە يەتتە سائەت ئىشلەش، كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىر سائەت ئۇزۇنغا يۈگۈرۈپ چېنىقىش، ئاندىن كېيىن دەرس تەييارلاش، بەزىدە دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئىكەن .
ئۇنىڭ شەنبە، يەكشەنبىلىك ۋاقتىمۇ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، فرانسىيىدىكى ئالتە ئايلىق ئۆگىنىشنى، ئىشلەش مەزگىلىدە ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەتتىن مەلۇم نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىسىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ پىلانلىرى شۇنچە ئەتراپلىق، ھەر قانداق مۇھىم شەخس ياكى تاسادىپىي ئىش ئۇنىڭ پىلانىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . ئۇ فرانسۇزچىدىن ئۈچ ئاي ئىچىدە بىر دەرىجە ئاتلاپ ئىمتىھان بېرىش پلانىنى تۈزدى ھەم ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، دېگىنىنى قىلدى.
ئۇ ماڭا : "فرانسۇز تىلىدىن كېيىن ئىسپانچىنى ئۆگىنىمەن. دۇنيادا ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر خېلى كۆپ" دېدى.
سىنىپىمىزدا دائىم يېڭى ئوقۇغۇچىلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بەزىلىرى 10 كۈندىلا يوقايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئالدىراش ئىشلەپ، ئالدىراش ئوقۇپ، ئېرىشكەن قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىش پۇرسىتىنى ساياھەتكە ئاجرىتىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاشۇ 10 -15 كۈنلۈك ساياھەت مەزگىلىدە يەنە بىر تىلدىن ئاز بولسىمۇ ساۋاد چىقرىۋېلىش ئۈچۈن ساياھەتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا كۆنۈپ كەتكەن.
مەن ۋە باشقىلار
مەن ئۆيدە ئەتىۋارلىق "مەلىكە"، مەكتەپتە ئەتىۋارلىق ئوقۇغۇچى ئىدىم. ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولغىنىم بىلەن باشقا بارلىق ئىشىمنى قىلىشتا ئاپام، دادام، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىمغا تايىناتتىم. ئۆزۈمگە دائىر چوڭ - كىچىك ئىشلارغا قارار چىقىرىش توغرا كەلگەندىمۇ كەمدىن - كەم ئارىلاشتىم. قىيىنچىلىق، بىرەر ئىشنى بېجىرەلمەسلىك، پىلاندا مەغلۇپ بولۇش دېگەندەكلەر پىلاندا يوق ئىشلار ئىدى. قاچان ئۆيدىن ئايرىلدىم ھەممە ئىش ئۆزۈمگە قالدى. نېمە يېيىشنى، قەيەرگە بېرىش، مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، بانكىدىكى پۇلنى كېيىنكى ئايغىچە يەتكۈزۈش، قانداق كىسىھىلەر بىلەن دوست بولۇش، قانداقلاردىن نېرى تۇرۇش، ئىجارە ھەققى مۇۋاپىق ئۆي تېپش. . .
مۇستەقىل قارار چىقىرىشقا كۆندۈرۈلمىگەن ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ قوينىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلغاندا دۇچ كېلىدىغان تېڭىرقىشى ئادەتتىكىچە تىڭىرقاشمۇ ئەمەس . ماڭا ئوخشاش ئەتىۋارلىق چوڭ بولغان بىر قىز ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئۇ ماڭا: " تەيۋەندىكى چېغىمدا توسالغۇ، يامان ئادەم دېگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم" دەپ قاخشىدى . ئويلاپ باقسام، مەنمۇ ئوخشاش ئىكەنمەن. ئېفىل مۇنارىنىڭ يېنىدىن كىچىك بىر ئېغىز ئۆي تاپقىنىمدا ( ئايلىق ئىجارىسى
450 ياۋرو) " ماكانىم بار بولدى، ئۇھ! " دېدىم. بىراق، مۈشكۈلاتلار تېخى ئالدىمدا ئىكەن.
بۇ تىل مەكتىپى ئەرزان، بىراق ئوقۇتۇش سەۋىيىسى تۆۋەنرەك!
-- بۇ قىممەت ، لېكىن ياخشى .
-- چەك بېرەلمەيمىز ( چەك فرانسىيىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ ھەم نۇرغۇن قائىدە - پرىنسىپلارغا چېتىلىدۇ) ." چەك ئالالمىسام قانداق قىلارمەن؟
مەكتەپكىغۇ كىردىم، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ئىجازەتنامىسىنى نەدىن ئالىدىغاندۇ؟ ئۇنى قانداق قىلارمەن ، ماۋۇنى قانداق قىلارمەن، ئۇھ، مۇنۇ ئىشىممۇ پۈتمىدى، كىمنى ئىزدەرمەن، كىم ياردەم قىلار" - ئاپا ، قانداق قىلىمەن؟ . . .
ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ تالاي قېتىم ئاپامغا مۇراجەت قىلدىم. ئويلاپ باقسام، بىزدە مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش، قارار چىقىرىش، يىغىپ ئېيتقاندا، مۇستەقىل ياشاش خاراكتېرى ناھايتى ئاجىز ئىكەن.
"ياۋروپالىقلار 18 ياشقا كىرگەندە بالىلىرىنى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىدىكەن ياكى بالىلىرى ئۆزلىرى چىقىپ كېتىدىكەن" دەپ ئاڭلىغانىدىم. بىلدىمكى، ئۇ دېگەنلىك ئاتا - ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلىشىشى دېگەنلىك ئەمەس ئىكەن. ئەمما، بالىلار 18 دىن ئېشىپمۇ ئاتا - ئانىنىڭ پەرۋىشىگە، قولىغا قاراپ ئولتۇرۇشنى توغرا كۆرمىگەنلىكتىن، ئۆگىنىشتىن كېيىنكى ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئويۇنغا بېرىۋەتمەي. ئەمگەك قىلىپ چېنىقىشنى، پۇل تېپىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزى تېپش ئۈچۈن ئۆيدىن ئايرىلىدىكەن. يەنە مۇھىم بىر تەرىپى شۇكى، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بەزىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىك دىپلومىغا قارىغاندا " خىزمەت تەجرىبىسى" ئىش تېپىشنىڭ بىرىنچى شەرتى بولالايدىكەن. بۇ خىزمەت دىپلومى ئەلۋەتتە ياشلار ئۈچۈن باغچىدا، تېز تاماقخانىدا، ماگىزىندا، قۇرۇلۇشتا . . . ئومۇمەن قانداقلا ئىشنى ئىشلىگەن بولسا ئىسپات بولالايدىكەن. ئۇلار " خىزمەت تەجرىبىسى" دېگەن كاتەكچىنى توشقۇزغاندا، بىرمۇنچە ئىش تۈرىنى تىزىپ چىقالايدىكەن - دە، ئاسانلا ئىشغا كىرەلەيدىكەن. ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بىر ئىش ئېسىمدىن چىقمايدۇ. پىئانىنو چېلىشتا ئاساسى بار، ئىنگلىز تىلىغىمۇ ياخشى بىر دوستۇمغا ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئۈچ بالىسىنى ئوقۇغۇچىلىققا تونۇشتۇردۇم . بۇ بالىلار ئەسلىدە مېنىڭدىن ئۇزۇندىن بۇيان پىئانىنو چېلىش دەرسى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم ئىدى. دوستۇم ھەربىرىدىن ئېيىغا 100 يۈەن كىرىم قىلالايتتى. ئەمما، دوستۇمنىڭ دادىسى " ۋاقتىڭ كېتىدۇ، پۇلنى مەن بېرىۋاتىمەنغۇ! " دەپ ئۇنى بۇ ئىشتىن توستى. فرانسىيىدىكى ياشلار دادىلىرىنىڭ پۇلى يوقلۇقىدىن ئەمەس، 18-20 ياشقا كىرگۈچە خاس خاراكتېر، مۇستەقىل ياشاشقا بولغان ئىشەنچسى ۋە ئۆزگىچە ياشاش يولىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلارغا، ھەتتا ئۆز ئاتا - ئانىسىغا تايىنىشتىن قۇتۇلالماسلىقنى نومۇس بىلىدىكەن. بىزنىڭ خاراكتېرىمىزدىن بولسا باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىگە، يېتەكچىلىكىگە تايىنىش خاھىشى بىردە بولمىسا بىردە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىكەن. رېئاللىقنىڭ بۇ سېلىشتۇرمسى مېنىڭمۇ شۇنداقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
2003 - يىلى 10-ئاي مەزگىلى، بۇ فرانسىيىنى خېلى چۈشىنىپ، تىلىم كارغا كېلىپ بولغان چاغلىرىم ئىدى. مەن ئاۋىسترالىيىگە ساياھەتكە بارماقچى بولۇۋاتاتتىم. ئالدى بىلەن بېلەت باھاسىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمەكچى بولۇپ، فرانسۇز قىز ساۋاقدىشىمدىن بۇ ئىشىمغا ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندۈم. مەن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتەتتىم. ئۆزئارا ياردەملىشىپ ئۆگىنەتتۇق. شۇڭا خۇددى ئۈرۈمچىدىكى يېقىنلىرىمغا تايانغاندەك ئۇنىڭغا تايانماقچى بولغانلىقىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن . ئۇ:
-- بولىدۇ، لېكىن ئالدى بىلەن ئۆزۈڭ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگىن، ھازىرقى فرانسۇزچە سەۋىيەڭ بىلەن ئاۋىئاتسيە شىركەتلىرىگە بارساڭمۇ، تورغا چىقىپ ئىزدىسەڭمۇ بولىدۇ. بۇنى چوقۇم ئۆزۈڭ قىلالايسەن، سىناپ باققىن، بولامدۇ؟ -- دەپ ئىنكاس قايتۇردى. مانا باشقىلارغا تايىنىپ ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇش خاراكتېرىم مېنى تازىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قويدى. ھەقىقەتەن بۇنى ئۆزۈم پۈتۈنلەي قىلالايتتىم، خىجىللىقتا ئۆزۈمنى قويغىلى يەر تاپالماي قالدىم. ئۇ مېنىڭدىن كۈچلۈكمۇ؟ ياق! ئۇ مېنىڭدىن ئەقىللىقمۇ؟ ياق! شۇ چاغدىلا ئىككىنچى مۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ ، ئۆز ئىشىمنى ئۆزۈم قىلىمەن، دەپ قەسەم ئىچتىم. بارلىق ھايۋانلارنىلا ئەمەس، ئاتنىمۇ پەقەت ھايۋانات باغچىسىدىلا كۆرگەن ياپونلۇق بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. 2003- يىل يازلىق تەتىلدە ( فرانسىيىدە يازلىق تەتىل ئۈچ ئاي) ئۇ بىر فرانسۇز يىگىتى بىلەن موڭغۇلىيە يايلاقلىرىنى ئاتلىق ئايلىنىپ خۇددى ئۈچ يىل ساياھەت قىلغاندەك مول كەچۈرمىشلەر بىلەن قايتپ كەلدى .
-- موڭغۇلىيىگە بېرىپلا بىردىن ئات سېتىۋالدۇق ، -- دېدى ئۇ ماڭا، -- ئاتلارغا مەسئۇل بولۇش بەك تەس ئىكەن، دەسلەپتە ئاتلارنىڭ سېسىق تەر پۇراقلىرىدىن سەسكىنىپ ئاتنى كۆرسەملا كۆڭلۈم ئېلىشىدىغان بولۇپ قالدىم. بارا - بارا ئۇنىڭغىمۇ كۆندۈم. مىڭ تەستە مىنىشنى ئۆگىنىشتىكى خۇشلۇقۇم نەچچە ۋاق ئۆتۈپ، كاسسىلىرىمنىڭ يارا بولۇشى بىلەن كۈنلىرىمنى يەنە تەسلەشتۈردى. ئاستا - ئاستا بۇنىمۇ يەڭدىم. ماڭا ھەممىدىن تەس كەلگىنى ئاتنى ھەم ئوت - چۆپى ياخشى، سۈيى ئەلۋەك جايدا بېقىش، ھەم ساياھەتنى داۋاملاشتۇرۇش بولدى. ئاتلار ئاغرىپ قالغاندا دوختۇر ئىزدەپ كۆپ ئاۋارىچىلىق تارتتۇق. كەچتە ئاتنى سىرتقا باغلاپ قويۇپ، بىرىمىز ئۇخلىغاندا، بىرىمىز كۆزەتتە تۇردۇق. ئۇنداق قىلمىساڭ ئاتنى خەقلەر ئوغرىلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. خۇددى كىنولاردىكىدەك. يېرىم كېچىدە نۆۋەت ئالمىشىمىز، تازا تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىڭدا بىراۋنىڭ " تۇر! " دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاش ئەڭ يېقىمسىز ئىش ئىكەن. لېكىن ، موڭغۇللار بەك قىزغىن، دوستانە كىشىلەر ئىكەن. لۇغەت ئارقىلىق سۆزلىشپ يۈرۈپ، دوسلارنىمۇ تېپۋالدۇق. ئاخىرىدا ئەڭ قىيىن بولغىنى ئاتلارنى سېتىۋېتىش بولدى ،-- دېدى ئۇ.
-- نېمىشقا ، مىنىۋېرىپ ھالىنى قويماپسەن- دە؟
- ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس، ئاتلىرىمىز ياخشى ئاتلار ئىدى . بىز چەت ئەللىك بولغاندىكىن، ئات بازىرىدا، دەللاللار ئۆزئارا كېلىشىۋېلىپ، بىزنى ئالداپ، ئەرزان سېتىۋېلىشقا تىرىشتى. بىز بۇنى سېزىپ قالدۇق .
ئىككى كۈن بازاردىن كەتمەي ئۇلار بىلەن تىركىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى يامان ئەمەس باھادا سېتىۋېلىپ قايتتۇق . . .
ياپونلۇق دوستۇمنىڭ خۇددى تەجرىبىلىك سەيياھلارنىڭكىدەك كەچۈرمىشى ماڭا ئۇنتۇلماس بىر دەرس بولدى. 26 ياشلىق ئەنگلىيىلىك سۇسىي بىلەن فرانسۇز تىلى مەكتىپىدە تونۇشۇپ قالدۇق. ئۇ بەك خۇشچاقچاق قىز بولۇپ، مەن فرانسىيىگە كېلىپ ئىككى ئايدىن كېيىن سىنىپىمىزغا كىرگەنىدى ( فرانسۇز تىلى ئاساسى بار ئىدى ). بىر ئايدىن كېيىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ شىركەت قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ماڭا ئېيتتى. فرانسىيىدە ھېچقانداق ئىجتىمائىي، ئىقتسادىي ئاساسى يوق بىر قىزنىڭ " شىركەت قۇرىمەن "دېيىشى ماڭا جۆيلۈۋاتقاندەكلا بىلىندى. مەن ئۇنىڭدىن:
-- قىلالامسەن". -- دەپ ئەندىشە ئىچىدە سورىدىم.
-- مەن تۇرمۇش ۋە ھاياتلىق يولۇمنى ئۆزگەرتكىلى بۇ يەرگە كەلدىم، شۇڭا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىمەن، يېڭى ئىشلارنى قىلىمەن ، مانا بۇ مېنىڭ پىلانىم، --دېدى ئۇ، لوندوندىمۇ ئەھۋالىم ياخشى، لېكىن مەن پارىژدىمۇ ئۆزۈمنى سىناپ باقماقچى. ئۇ پارىژدىكى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي مەسىلىنى، يەنى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ھەم جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار بىلەن ئۆي ئىجارىگە بەرگۈچىلەر ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرۈپ كەتتى. ئۇ دېگەندەك پىلانىنى بىر ھەپتىمۇ كېچىكتۈرمەي ئۆزى يالغۇز ئىشقا كىرىشتى . توردىن ئۆي ئېلانلىرىنى ئىزدەش ، ھەرقايىسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئېلان تاختىلىرىغا ئۆز ئادرېسىنى قالدۇرۇش ( چۈنكى ئالىي مەكتەپلەردە ياتاققا ئېھتىياجلىق چەت ئەللىكلەر ئەڭ كۆپ)، كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىشەنچسىگە ئېرىشكۈدەك مەزمۇندا توختامنامە ئورىگىنالى تۈزۈش... دېگەندەك ئىشلارغا تازا چاپتى. ئاخىر بەش ئايدىن كېيىن ئۇ شىركىتىنى مەخسۇس تور بېتىگە ئىگە، ئېيىغا ئۈچ - تۆت مىڭ ياۋرو كىرىم قىلالايدىغان، خېرىدارلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان شىركەت قىلىپ تونۇتۇشقا باشلىدى.
تولىمۇ خۇشچاقچاق، ھەمىشە دېگۈدەك غەلىتە كىيىملەرنى كىيىپ ياسىنىۋالىدىغان ۋىجىككىنە قىزنىڭ جاسارىتىدىن يەنە بىر قېتىم ئويغاندىم. ئۇ ماڭا يەنە : نۇرغۇن پىلان - ئارمانلىرىنى، پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن ئايلىنىش، بولۇپمۇ شىنجاڭنى كۆرۈش - مۇھىم ئارزۇلىرى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى پارىژدا ئوقۇۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئارمانلىرىغا سېلشتۇرۈپ قالدىم. يۇرتدىشىم بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولغان بىر كۈنى ئۇ ماڭا: " ئوقۇشنى پۈتتۈرسەم ئېسىل تۇرالغۇم، پۇلدار ئېرىم، ئېسىل پىكاپىم بولسىلا بولدى، ھاياتقا ئارتۇق تەلىپىم يوق" دېگەنىدى.
مېنىڭ بايانلىرىمدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى 20-25 ياش ئەتراپىدىكى دەۋرداشلار.
بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەش. تەتىل بولۇشى ھامان بىر پادىچى ئىشتىنى بىلەن بىر ئاددى يىپ مايكىنى كىيىپ، خەرىتىگە تايىنىپ ساياھەت قىلىش ھەم بارغان يەرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئۆزىنى چاقنىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەش ئۇلارنىڭ بىرىنچى مەقسىتى بولسا، دۇنيانى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۇش، يات شارائىتتا ياشاپ بېقىش، بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىممەتلىك تۇرمۇش، جەمئىيەت تەجرىبىلىرىنى بالدۇرراق توپلاش ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەقسىدى بولىدۇ.
مەن باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قايتا تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بىزنىڭ سۆزىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىر قېلىپتا، دۇنيا قاراشلىرىمىز بىر قېلپتا، ئۆگىنىش مەقسىدىمىز، ئۇسۇلىمىز، ياشاش ئۇسۇلىمىزمۇ ئاساسەن بىر قېلىپلا ئىكەن. مەن تاكى پارىژغا كەلگىچە بۇنى ھېس قىلالمىغان ئىكەنمەن. بۇ يەردىكى ياشلارنىڭ بىرى بىلەن يەنە بىرىنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇش، ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش، ئارزۇ ؟ ئارمان، پىلان - مەقسەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىماسلىق، ئۆزگىچىلىك بار ئىكەن، ئاشۇ ئۆزگىچىلىك ياشلىق جاسارىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە توسۇۋالغىلى بولمايدىغان غايەت زور ۋولقانغا ئايلىنىدىكەن. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇشىدىكى سىرلارنىڭ بىرى شۇنىڭدا بولسا كېرەك. ھەركىمنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە نامايان قىلىشى ۋە ئۆزىنى چاقنىتىشى - ئۆزگىچىلىك ئىكەن، دەپ ئويلىدىم .
تەڭتۇش دوستلىرىم، دەۋرداش ۋەتەنداشلىرىم! مەن ھايات مۇساپىسىگە كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ قاراشنى ئەمدى ئۆگىنىۋاتقان بىر قىز. شۇڭا مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىزگە بالىلارچە تېڭىرقاشلار ئىچىدىكى چىگىش خىياللاردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن . شۇڭا مەن ھېچكىمنى شوئارغا چاقىرماقچى ئەمەس، نەسىھەت قىلىشقا شەرتىم تېخىمۇ توشمايدۇ. مەن پەقەت فرانسىيىدىكى دۇنيانىڭ ھەرقايىسى جايلىرىدىن بىلىم ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن تەڭتۇشلار بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلشتۇرۇپ بېقىشىڭىزنىلا تەۋسىيە قىلىمەن. بولۇپمۇ پىلان - ئارزۇلىرىڭىزنى ئاشۇ ياشلاردەك ئاچكۆزلۈك بىلەن چوڭراق، يۈكسەكرەك تۈزىشىڭىزگە مەسلىھەت بېرىمەن. چۈنكى بۇنداق جاسارەت ئۆزىڭىزدىكى ئالاھىدە كۈچنى (ئىقتىدار جەھەتتە) پارتلىتىپ چىقىرىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ!
خاتىمە
مەنمۇ ئاستا - ئاستا پارىژلىقلار سېپىگە قوشۇلۇۋاتىمەن. ئەتىگەن سائەت 8:30دىن كەچ 10:30 غىچە ئۆگىنش |||( مەكتەپتە ، كۇتۇپخانىدا ، پىئانىنو مەشىق زالىدا) ئادەتكە ئايلىنىپ كەتتى ( چۈشتە قورساقنى ئالداشقا يېرىم سائەت كېتىدۇ). بىر كۈنلۈك جىددىيچىلىكتىن كېيىن ياتىقىمغا كېلىۋالغۇچە بەزىدە كۆڭلۈم ئاينىغاندەك بىئارام بولىمەن، بېشىم ئاغرىپ، كۆزلىرىمنى ئاچالماي قالىمەن. كارىۋىتىم جەننەتتەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. نېمىشقا بىر كۈن 30 سائەت بولۇپ قالمىغاندۇ؟ ياكى ئىنسانلار ماڭا ئوخشاش چىدىماس بولغاچقا شۇنداق تەڭشەلگەنمىدۇ؟ ! 40 سائەت بولسا قانداق ياخشى بولاتتى. . . دېگەنلەرنى ئويلايمەن. باشتا ئېيتقىنىمدەك 20 ياشقىچە بولغان ھاياتىمدا ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلغانسېرى ۋاقىتنى يەتكۈزەلمەي قېلىۋاتقاندەك ئازابلىنىمەن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر ئېشىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئىچىم پۇشىدۇ . ..
داۋامى بار...