نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئەدەبىي ئەسەرلەر >>
كەچۈرۈڭ، ئايالىڭىزغا چېقىلىپ قويدۇم (1)
يوللىغان ۋاقىت:2009-11-03 21:02:24  يازغۇچى:كامران  كىلىش مەنبەسى:باس-باس تورى  ئاۋاتلىقى:17653   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئىشتان ئىچىدىكى ناشايان بايانلار كۆپرەك، بۇ تۇردىكى مەزمۇنلارنى ياقتۇرمايدىغان تورداشلار ئەسكەرتىشنى كۆرۈپلا داۋامىنى ئوقۇمايلا چىقىپ كىتىشىنى سورايمەن. ئوقۇيدىغاننى ئۇقۇپ بۇلۇپ، ئاندىن قۇپاپ «نۇمۇسسىزلار، ئۇ بۇ... مىللىتىمىز مۇشۇنداق بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ئاھ...پاھ....» دىگەندەك تۇزسىز گەپلەرنى قىلىپ يۇرسەڭلەر نامەرتلىك بۇلىدۇ.

بىر پارچە سۈيدۈك سەۋەبىدىن خىزمىتىمدىن ئايرىلدىم

            مەن قۇي يىلى تۇغۇنغان، راس دىگەندەكلا پەقەت ئۇت-چۆپ يىيىشنى بىلىدىغان دۇت قۇي. ئالي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن تارتىپ مۇشۇ ئورگاندا ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكىلى 10 يىل بولدى. ئۇرگاندا مەن ئەزەلدىن ياۋاش، تىگىشلىك قىلدىغان ئىشتىن ھالقىپ كەتمەيدىغان، بىرئېغىز سوزنى ئارتۇق قىلماي بىر قەدەمنى ئارتۇق ماڭمايدىغان مومۈن ئادەممەن. ئۇيدىمۇ مېنىڭ سۆزلەشگە تىگىشلىك ئورنۇم يۇق. ئايالىم بېقىۋالغان گىرمانىيە كۈچىگىنىڭمۇ ئويدىكى دەرىجىسى مەندىن يۇقىرى، پەقەت ئايالىم بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىلا ئەرلىك ئىززەت - ئابرويۇمنى تاپالايمەن، باشقا ھەرقانداق ۋاقتىدا مەتسىتمەي ' دوت، كالۋا، كېجاڭ مۇ بۇلالمايدىغان لەقۋا' دەپ قاھشاپلا يۈردۇ. ئوغلۇمغۇ تېىڭمۇ ياراتمايدىغان بولدى،چۈنكى كومپيۇتىر ئۇيۇنى ئۇخمايمەن، CS نى ئەسلا چۈشەنمەيمەن ( بۇ ئۇيۇننى ئۇيناشقا تۇسايمەن ئۇغلۇمنى) ،ئويدىكى ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئوڭشاشنى ئۇخمايمەن. يەنە چۈنكى ئوغلۇم باشقا باللار تەرىپىدىن بۇزەك بۇلۇپ قالغاندا ' سەۋىر قىلغىپ بۇلدى قىلغىن ' دەپ نەھسىيەت قىلىمەن. ھەر قېتىم بۇ سوزىمنى ئاڭلىغان خۇتۇن كىرىسلو دىن سەكرەپلا قۇپۇپ، يۈزىگە چاپلىۋالغان ھوسۈن ئاسىراش لايلىرى ئۇنى بەئەينى ئىسكىلىت مەھلۇخ قا ئۇخشۇتۇپ قۇياتتى. كۆز قېتىغا چاپلىۋالغان ئىككى خاڭگا پارچىسىنىڭ تۈشۇگىدىن ماڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ ئاغزىنى بۇزۇپلا ۋاقىراپ كىتەتتى. ' تۇفېي ې ې ې ..........، ئوزەڭ كارغا كەلمەس يارىماس، بالىنىمۇ سەندىن ئوگەنسۇن دەمسەن؟؟!! ، ماڭە بالام،' دىگىنىچە يانچىغۇدىن ئون سوم پۇلنى چىقىرىپ ئوغلۇمغا تۇتقۇزۇپ، ' ماڭ! كۇچا ئۇدۇلدىكى كاۋاپخانىغا بېرىپ تۇيغىچە يەپ، بۇزەك قىلغاننى ئۇرۇپ كەل، ئۇرۇپ يېڭىۋالساڭ مارۇزنا بىلەن مۇكاپاتلەيمەن.' ئوغلۇم پولنى كاپلا قىلىپ سىقىمداپ ،ماڭغا قاراپمۇ قۇيماي،باشلىرىنى كۆتەرگىنىچە چىقىپ كېتەتتى.

         خۇداغا شۈكرى، ئۇرگاندا باشلىق بۇلالمڭساممۇ، دولەت ئورگىنىنىڭ موئاشى مۇقىم دەل ۋاقتىدا بېردۇ. بۇنى كۆپچىلىكمۇ ياخشى ئۇقىدۇ، يىل ئاخىردا بەرگەن تەمىناتلار خۇتۇننىڭ ئاستىغا ئىگىلىپ قالغان ئاغزىرى 15 گىرادۇش ئۈستىگە ئىگىلىشىگە كاپالەت بۇلىدۇ.سۇڭا، جېنىمنى تىكىپمۇ بۇ خىزمىتىمنى ساقلاپ قېلىشىم كېرەك. ئەمما ئۇيلىمىغان يەردىن ،شۇنچە ئېھتىيات قىلىپ ئاۋايلىساممۇ، خىزمەتتىن ئايرىلىش ( شا گاڭ ) تەقدىرىمدىن قۇتۇلالمىدىم. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبى سىيگەن بىر پارچە سۈيدۈك بۇلۇپ قالدى.

--------------------------------
داۋامىغا قىززىقسىڭىز دېققىتىڭىز داۋاملىق «تورئەسەرلىرى سەھىپىسىدە بولسۇن»

باشقا تور بەتلەرگە چاپلىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويارسىز!

تورداش << كامران>> نىڭ باشقا تور ئەسەرلىرى
تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 15999163133 ، 18999105493
互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
!تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ