روسىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇناسىۋەتلىك قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى ۋاقتىدا قوللىنىلمىسا، ئۈچ – تۆت يىلدىن كېيىن، موسكۋا شەھىرى ئۆزىدىن چىققان ئەخلەت ئاستىدا قالىدىكەن. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاشكارىلىغان نوپۇزلۇق ستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ھەر بىر موسكۋا ئاھالىسى يىلدا 500 كىلوگرام تۇرمۇش ئەخلىتى چىقىرىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا، موسكۋا شەھىرىدە بىر يىلدا كۆپەيگەن تۇرمۇش ئەخلىتى 5 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن. لېكىن ھازىر موسكۋا شەھىرىدە نورمال خىزمەت قىلىۋاتقان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى يىلدا موسكۋادىن چىققان ئەخلەتنىڭ ئاران %15 ىنى بىر تەرەپ قىلالايدىكەن، قالغان %85 ئەخلەت موسكۋانىڭ شەھەر سىرتىدىكى 37 ئۈستى ئوچۇق ئەخلەت مەيدانىغا تۆكۈلىدىكەن. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، موسكۋادا يېڭىدىن ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلماپتۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، 2012 –، 2013 – يىلىغا بارغاندا، موسكۋانىڭ شەھەر سىرتىدىكى بارلىق ئۈستى ئوچۇق ئەخلەت مەيدانىنىڭ ھەممىسى ئەخلەت بىلەن توشۇپ، موسكۋا شەھىرىنى ئەخلەت بېسىپ كېتىدىكەن.
كەسپىي زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، موسكۋا شەھىرى ئەخلەتنى سىرتقا توشۇپ باقمىغان، ئەخلەت كوچا – مەيدانلاردا تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، تاكى 1997 – يىلىغا كەلگەندە موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت موسكۋا شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 850 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەخلەتلەرنى كوچىدىن تازىلاپ ئەكەتكەن، ئۈستى ئوچۇق ئەخلەتخانىمۇ بۇنىڭ بىلەن خىزمەتكە چۈشكەن. شۇنىڭ بىلەن موسكۋا شەھىرى زامانىۋى ئەخلەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتى قۇرغان. لېكىن بۇ موسكۋانى ئەخلەت قورشاۋىدىن ئۈزۈل – كېسىل قۇتۇلدۇرمىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نوپۇسنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تېز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، موسكۋا شەھىرىدە ئەخلەتنىڭ مىقدارىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان.
2008 – يىلى موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت پايتەختنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئەھۋالىنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتقان. بۇنىڭ نەتىجىسى موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغان: ھازىر موسكۋانىڭ شەھەر رايونى ۋە شەھەر سىرتىدا چوڭ – كىچىك، قانۇنلۇق – قانۇنسىز ئۈستى ئوچۇق ئەخلەت تۆكۈش مەيدانىدىن 140 نەچچىسى بار ئىكەن! بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ 12 ئەخلەت تۆكۈش مەيدانىنىڭ كۆلىمى 16 گېكتار كېلىدىكەن. كۈندە ئون نەچچە ئەخلەت توشۇش ماشىنىسىنى ئىشقا سالغان تەقدىردىمۇ، بۇ يەردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۈگىتىشكە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئەڭ يامان بولغىنى، تۆمۈر يول لىنىيىسى، شەھەر سىرتىدىكى ئېلېكترو پويىز لىنىيىسى بويى ۋە شەھەر سىرتىدىكى ئىسكىلاتقا يېقىن يەردىكى ئەخلەت يىل بويى كۆيۈپ ھەم چىرىپ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈرىدىغان پۇراق چىقارماقتا...
كەسپىي زاتلار ئەخلەتنى پارچىلاش ۋە قايتا پىششىقلاشتا ئىلغار ئۇسۇلنىڭ بولماسلىقى ئۈستى ئوچۇق ئەخلەت مەيدانىدا ئەخلەتلەرنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەب، دەپ كۆرسەتتى. ئىگىلىنىشىچە، موسكۋا شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى ئۈستى ئوچۇق ئون ئەخلەت مەيدانى ئەخلەت زىيادە كۆپىيىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن تاقالغان. قالغان ئەخلەت مەيدانلىرىغىمۇ ئەخلەت توشۇپ كېتىشكە ئاز كۈن قالغان. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئۈستى ئوچۇق بۇ ئەخلەت مەيدانلىرىدا ئەخلەتلەر ‹‹ئاددىي ئۇسۇلدا ئارغامچا بىلەن تېڭىلغان››بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىنمىغان بۇ ئەخلەتلەر ئەتراپتىكى مۇھىتنى داۋاملىق بۇلغىماقتا. موسكۋا شەھىرى ۋە موسكۋا ئوبلاستىدىكى ئۈستى ئوچۇق ئەخلەت مەيدانلىرىدا ئەخلەتنىڭ دۆۋىلىنىپ كېتىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت موسكۋا شەھىرىگە يېقىن نەچچە ئوبلاست بىلەن كېلىشىپ، موسكۋا شەھىرىدىكى ئەخلەتلەرنى پويىز ئارقىلىق ياروسلاۋىل ئوبلاستى قاتارلىق ‹‹تېخىمۇ يىراق جايلارغا›› توشۇماقچى بولغان. لېكىن يېقىندا بۇنداق ‹‹بۇلغىمىنى يۆتكەش›› ئۇسۇلى يەرلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، موسكۋا شەھىرىنىڭ 1 – مۇئاۋىن باشلىقى پېتىر بىريۇكوۋ بۇ يىل 5 – ئۆكتەبىر موسكۋا شەھەر ئاھالىلىرىگە كەلگۈسى نەچچە يىل ئىچىدە، موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىپ قايتا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدىن 11نى قۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا رەسمىي ۋەدە بەردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەخلەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت موسكۋا شەھىرىدىكى 37 ئاھالىلەر رايونىدا ‹‹تۈرگە ئايرىپ تاشلىنىدىغان ئەخلەت ساندۇقى››دىن 3500نى قويغان. لېكىن 2008 – يىلى موسكۋا شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ‹‹تۈرگە ئايرىپ تاشلىغان›› ئەخلىتى ئەخلەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئاران %0.4ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن موسكۋا شەھىرىدىكى ئاھالىلەردە تېخى ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ تاشلايدىغان زامانىۋى تۇرمۇش ئادىتىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.