بېيجىڭ ۋاقتى 9- ئاينىڭ 27 - كۈنى 2:45 (ئىتالىيە ۋاقتى 26- سېنتەبىر 20:45 )دە، 2013-2014 - پەسىللىك ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى بەشىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە بىرلا ۋاقىتتا ئىلىپ بېرىلىپ، خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فلورېنسا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، فلورېنسا كوماندىسىنىڭ ئەزاسى روسسى ئالدىن بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئارقىدىن خەلقئارا مىلان كوماندا ئەزاسى كانبىياسو بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، مۇسابىقە ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان كوماندا ئەزاسى رونادېن ھالقىلىق بىر توپنى كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 2-1 نەتىجە بىلەن فلورېنسا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇدا ئۈچىنچى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى ھەم بىرىنچى ئورۇندىكى رىم كوماندىسىدىن ئىككى نومۇر پەرق بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.
|