باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
كىرىستىيانو رونالدو ئاجايىپ ماھارىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-09-24 15:54:56  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:sina.com.cn   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924035456186.jpg"
 

ئالدىنقى ھەپتە ئوتتۇرىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن گالاتاساراي كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو قالپاق كەيدى، ئۇنىڭ ئۈچىنچى توپى ناھايىتى ئېسىل چىققان بولۇپ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۈچ ئەزاسىنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن توپنى كىرگۈزىۋەتكەن. تۈنۈگۈن كەچتىكى گېتاف كوماندىسى بولغان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو ناھايىتى ئېسىل توپتىن يەنە بىرنى كىرگۈزدى، يەنى ئۇ تاپىنى بىلەن بىر توپ تېپىپ كىرگۈزۈپ بىرنابۇنى ھەيران قالدۇردى.

src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924035456830.jpg"

مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا قېدىرانىڭ ياندىن تاشلاپ بەرگەن پېسىنى كىرىستىيانو رونالدو تاپىنى بىلەنلا تېپىپ كىرگۈزىۋەتكەن. بۇنىڭغا نىسبەتەن گېتاف كوماندىسى ئەزالىرى ۋە توپ مەستانىلىرى ھەيران قالغان، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مەستانىلىرى بولسا قاتتىق تەنتەنە قىلغان.
كىرىستىيانو رونالدو ناھايىتى ئەتراپلىق يىتىلگەن چولپان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر ئىككى پۇتى ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ، يىراق ئارىلىقتىن توپ تېپىش، ئىختىيارىي توپ، كاللا توپ، نۇقتا توپ دېگەنلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، يەنە كېلىپ تاپان قىسمى بىلەن توپ تېپىشمۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە ماھارەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924035457194.jpg"

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تاپىنى بىلەن ئۇرغان توپى ئۇنىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى 4-قېتىم تاپان بىلەن توپ ئۇرۇشى بولۇپ، 2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مېھمان مەيداندا مالاگا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ھەمدە مېھمان مەيداندا ۋاللېكانو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ئۇ تاپىنى بىلەن ئىككى توپ ئۇرغان.

src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924035457922.jpg"

2011-2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىش ئالدىدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى جۇڭگو كېلىپ گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىمۇ كىرىستىيانو رونالدو تاپىنى بىلەن تېپىپ بىر توپ كىرگۈزگەن ئىدى. مانا بۈگۈنمۇ ئۇ گېتاف كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە يەنە كېلىپ بىرنابۇدا بۇ خىل ماھارەت بىلەن يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئالاھىدە ماھارىتىنى نامايەن قىلدى.

src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924035457897.jpg"

تاپىنى بىلەن بۇ توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، كىرىستىيانو رونالدو ئاللىقاچان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن 209 توپ كىرگۈزۈپ بولغان بولۇپ، ھەر مەيدانغا ئۇدۇل كېلىدىغان ئوتتۇرىچە توپ سانى 1 دىن ئاشقان. بۇ توپ بىلەن ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى 208 توپ كىرگۈزگەن سانچېستىن ئېشىپ كەتكەن، گەرچە توپ سانى كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ كىرىستىيانو رونالدو 209 توپنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغان مۇسابىقە مەيدان سانى سانچېستىن 77 مەيدان ئاز بولغان. سانچېسنىڭ رېكورتىنى بۇزغاندىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ كېيىنكى نىشانى پۇسكاشنىڭ رېكورتىنى بۇزۇش. پۇسكاش خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن 237 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئەگەر كىرىستىيانو رونالدو ھازىرقىدەك توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ساقلىيالىسا، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىلا پۇسكاشنىڭ رېكورتىنى بۇزىۋېتەلەيدۇ.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991