![src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924033723253.jpg"]()
خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن گېتاف كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدىكى بەدەن قىزىتىش ۋاقتىدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى چولپىنى بېل سول پۇت مۇسكۇلىنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ھەمدە بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىغان. بېل تۈنۈگۈن خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان، نەتىجىسىمۇ ياخشى چىققان، يەنى بېلنىڭ يارىسى ئانچە ئېغىر ئەمەس بولۇپ، بۇ پەقەت ھېرىپ-چارچاشتىن كېلىپ چىققان. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى بېلنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما مادرىد تاراتقۇلىرى توختاپ قالمىدى. «ئاس گېزىتى» نىڭ قارىشىچە بېل بۇ ھەپتە ئوتتۇرىدىكى ئېلچې كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغاندىن سىرت يەنە بۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى مادرىد رىقابەت كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگىمۇ قاتنىشالمايدىكەن. ئەمما «ماركا گېزىتى» بېل مادرىد رىقابەت كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىشى مۇمكىن دېگەن.
![src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924033723861.jpg"]()
خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئىزچىل ھالدا بېلنىڭ يۆتكىلىش باھاسى 91 مىليون ياۋرو دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە بېلنىڭ يۆتكىلىش باھاسى 100 مىليون ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنداق يۇقىرى باھا بىلەن بېلنى سېتىۋېلىشتا، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى توتىنھام كۇلۇبىدىن بىرەر پىچاق يىدىمۇ قانداق؟ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى رەئىسى فىلورېنتىنو بۇنداق قارىمايدىغان بولۇپ، ئۇ: «خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى ئۈچۈن بۇ باھا بىلەن بېلنى سېتىۋېلىش ھېسابتا ناھايىتى ئەرزان بولدى، بېل ئۆزى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلۇشنى ئارزۇ قىلدى، ئۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى» دېگەن.
![src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924033723736.jpg"]()
![src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924033724702.jpg"]()
خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى بېلنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، رەئىس فىلورېنتىنو دەرھال كوماندىدىكى گېرمانىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ئۆزىلنى ئارسېنال كۇلۇبىغا سېتىۋەتتى، گېرمانىيەلىك چولپاننىڭ يۆتكىلىش باھاسى 50 مىليون ياۋرو بولغان. خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى 100 مىليون ياۋروغا بېلنى سېتىۋالغان، 50 مىليون ياۋروغا ئۆزىلنى سېتىۋەتكەن. بۇنىڭغا نىسبەتەن بۇرۇنقى گېرمانىيە كوماندىسى ۋارىتاچىسى لېمان: «ئارسېنال كۇلۇبى ئۆزىلنى سېتىۋالدى، بۇ ناھايىتى قالتىس سودا بولدى. ئۆزىل بىلەن بېلنىڭ ئارىسىدا مېنىڭچە پەرق ھەرگىزمۇ 50 مىليون ياۋروغا بارمايدۇ، بېل نېمىسىگە ئۆزىلدىن 50 مىليون ياۋرو قىممەت بولىدۇ. خان مادرىد ئەسەبىيلەشكەن ۋاقتىدا، يۆتكىلىش بازىرىدىمۇ ئەسەبىيلىشىپ كېتىدىكەن.» دېگەن.
![src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924033724526.jpg"]()
بۇرۇنقى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مەشقاۋۇلى كاپېللومۇ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ قارارىنى پەقەتلا چۈشىنەلمىگەن. ئۇ: «مەن خان مادرىدنىڭ نېمىشقا ئۆزىلنى سېتىۋېتىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم. ئارسېنال كۇلۇبى گەرچە 50 مىليون ياۋرو سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى ياخشى سودىدىن بىرنى قىلدى» دېگەن.
![src="../../../uploadfile/sports/uploadfile/201309/20130924033724244.jpg"]()
|