باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-09-10 10:30:53  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
   شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ 8-سىنتەبر تېلېگراممىسى:
  10-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى چوقۇم كۆرۈڭ، چۈنكى بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇلارنىڭ پۇتبول مەيدانى بىلەن خوشلىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن-مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بۇ كوماندا پارچىلىنىپ كېتىدۇ؛ كوماندىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى پۇتبول سەھنىسى بىلەن خوشلىشىدۇ، بىر قىسىملىرى ئىشسىزلىق كرىزىسىگە يولۇقۇشى مۇمكىن.

2013- يىلى 8-سىنتەبر كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ ئەرلەر U20 پۇتبۇل مۇسابىقسىىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى 6:5 نەتىجە بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسىغا، جىجىياڭ كوماندىسى 4:2 نەتىجە بىلەن شاڭخەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، ئۈچىنچىلىكىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە بىر-بىرىنىڭ رەقىبى بولۇپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ كوماندىسىدىكى كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ يېشىل چىملىق بىلەن خوشلىشىش مۇسابىقىسى، ئەمما بۇ خوشلىشىش ياش سەۋەبلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇلار تېخى ئەمدىلا 18، 19 ياشلارغا كىرگەن ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان، كەسپىي ھاياتى گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان ئۈمىدلىك ياشلار؛ شۇنداقلا بۇ خوشلىشىش يارىدار بولۇش ياكى تەن سالامەتلىكتىنمۇ ئەمەس، ئۇلار تەن قۇۋۋىتى ھەممىنى قايىل قىلىدىغان ھارماس ياشلار؛ بۇ خوشلىشىش ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى باشقىلارغا يەتمەسلىكتىن ئەمەس، ئۇلار بىر قەدەر كۈچلۈك سانالغان گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يەر چىشلەتكەن، لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭىدە يېڭىلىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلمەي قالغان ياشلار.....
 

ھەقىقىي سەۋەب ناھايىتى ئاددىي شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆتمەيدىغان ئاجايىپ سەۋەب: شۇنچە چوڭ شىنجاڭدا، پۇتبولغان بولغان قىزغىنلىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مۇشۇنداق بىر ماكاندا ئۇلارنى ئېلىپ قېلىپ، قان-تەرلىرىنى يېشىل چىملىققا ئاققۇزۇپ، ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا پۇرسەت يارىتىدىغان مەيدان ۋە سەھنە يوق.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تېرىنىر پەرھات ئەزىمەت مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شىنجاڭ بىر كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى يوق. مەملىكەتلىكلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كوماندىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. يەرلىك بۇ بالىلارنى بىر قىسىم كۇلۇبلار بىلەن ئۇچرىشىپ، كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ».
كەسپىي پۇتبول كوماندىسى بولمىغانلىقىتىن، شىنجاڭدا پۇتبول ماھىرلىرىنى تاللاشتا زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى. شىنجاڭدا ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى ماھىرلارنى تاللاشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى يېشى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلچىمىگە ماس كېلەمدۇ-يوق؟ دىگەندىن ئىبارەت. بۇنداق تۆت يىلدا بىر دەۋرىيلىنىپ تۇرىدىغان ماھىر تاللاش ئۇسۇلى روشەنكى نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنى نابۇت قىلىۋىتىدۇ.
 شىنجاڭدىكى بىر مۇخبىر ئىنتايىن تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماكان ھەقىقىي پۇتبول ماكانى، پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقتا ئۇلار برازىلىيەلىكلەردىن قېلىشمايدۇ، ئۇلاردىكى پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىق چىن يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ پۇتبول تېپىشى پۇل ئۈچۈن ۋە ياكى نام-ئاتاق ئۈچۈن بولماستىن بەلكى پەقەتلا بىر قىزغىنلىق، بىر قىزىقىش ئۈچۈنلا». شىنجاڭنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ھەققىدە كۆپ توختىلىش ھاجەتسىز، ئادەتتىكى بىر B دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە 60 مىڭ تاماشىبىننىڭ كېلىشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ. شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەشكىللەنگەن ئاپتونۇم رايونلۇق مەكتەپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە 500 دىن ئارتۇق كوماندا، 6-7 مىڭ ماھىر قاتناشتى.
 

 
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991