باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىلنىڭ سېتىۋېتىلگەنلىكىدىن قاتتىق نارازى بولدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-09-04 17:01:40  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

«ئۆزىلنىڭ كوماندىدىن ئايرىلغىنىغا بەك ئاچچىقىم كەلدى!» پورتىگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ھازىر دۆلەت كوماندىسىدا مەشىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا كۇلۇبنىڭ ئۆزىلنى سېتىۋەتكىنىگە قاتتىق نارازى بولدى، بۇنى ئەلۋەتتە چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۆزىل بولسا كىرىستىيانو رونالدونىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى ئەڭ ياخشى ماسلاشقۇچىسى بولۇپ، بىر نەچچە مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان گېرمانىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدوغا 27 قېتىم ھالقىلىق پاس تاشلاپ بەرگەن. كىرىستىيانو رونالدو پورتىگالىيەدە تۇرۇپ خان مادرىدنىڭ ئۆزىلنى سېتىۋەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان، پورتىگالىيە دۆلەت كوماندىسى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبىنىڭ بۇ قارارىنى كىرىستىيانو رونالدو پەقەت قوبۇل قىلالمىغان. ئۇ پې پې ۋە كونتىراۋلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتىمۇ :«ئۆزىلنىڭ يۆتكىلىشى مەن ئۈچۈن ناھايىتى يامان خەۋەر، ئۇ كوماندىدا مېنىڭ مەيداندىكى يۈگرەش ئورنۇمنى ئەڭ چۈشىنىدىغان توپچى ئىدى» دېگەن. كىرىستىيانو رونالدونىڭ قارىشىچە خان مادرىدنىڭ ئۆزىلنى سېتىۋېتىشىنى قەتئىي چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، ئۆزىلنى سېتىۋەتكەنلىك مۇسابىقىنىڭ يېڭىش-ئۇتتۇرۇشىنى بەلگىلەيدىغان بىر توپچىنى كوماندىدىن چىقىرىۋەتكەنلىك بولىدىكەن.
پورتىگالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكىلەرمۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەيپىياتىغا قاراپ ھەممىسى ناھايىتى جىم بولۇپ قالغان. ئۇ كۆپ قېتىم يېنىدىكىلەرگە :«ئۆزىلنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى مېنىڭ بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈردى.» دېگەن. ئۆزىلنىڭ ئارسېنالغا قوشۇلۇشى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ماسلاشقۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. بۇنداق دېيىشنىڭ ئەلۋەتتە ئاساسى يوق ئەمەس، خان مادرىدتىكى ۋاقتىدا ئۆزىل جەمئىي 27 قېتىم رونالدوغا ھالىقىلىق پاس تاشلاپ بەرگەن بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ھالىقىلىق پاس بەرگەن توپچى بولۇپ قالغان. ئۆزىلنىڭ كەينىدىن فرانسىيەلىك توپچى بېنزېما رونالدوغا 17 قېتىم ھالقىلىق پاس بەرگەن، ئۇنىڭ كەينىدىكىسى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ پىشقەدەم توپچىسى جىگېس بولۇپ، ئۇ رونالدوغا 16 قېتىم ھالقىلىق پاس بەرگەن. ھازىر قاراپ باقساق خان مادرىد كوماندىسىدا كىم ئۆزىلنىڭ ئورنىنى ئېلىپ كىرىستىيانو رونالدوغا ھالقىلىق پاس يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ؟ كىرىستىيانو رونالدونىڭ كۆڭلىدە ئۆزىل مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىلنى ماختاپ :«ئۆزىل خان مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى 10-نومۇر» دېگەن.
بۇنىڭدىن باشقا خان مادرىدنىڭ كۆپ قىسىم توپ مەستانىلىرىمۇ كۇلۇبنىڭ ئۆزىلنى ساتقنىغا نارازى بولغان. «ئاس گېزىتى» نىڭ تەكشۈرىشىدىن مەلۇم بولىشىچە، پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم توپ مەستانىلىرىلا خان مادرىدنىڭ ئۆزىلنى سېتىۋېتىشىنى قوبۇل قىلالىغان، توتىنھام كوماندىسى چولپىنى بېلنىڭ خان مادرىدقا قوشۇلۇش مۇراسىمىدىمۇ 30 مىڭ توپ مەستانىسى ئىچىدىكى كۆپلىگەن توپ مەستانىلىرى خان مادرىد رەئىسى فىلورېنتىنوغا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا «ئۆزىلنى سېتىۋەتمە» دەپ توۋلاشقان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىلنىڭ يۆتكىلىش ئىشى تاماملىنىپ بولغان ئىدى. ىان مادرىد رەئىسىمۇ بۇ ۋاقىتتا توپ مەستانىلىرىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېغىزىنى يۇمۇشنى ئېيتقان.
يەنە خان مادرىد توپچىلىرىمۇ ئوخشاشلا ئۆزىلنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلالمىغان. بۇ ھەقتە راموس :«ئۆزىل ناھايىتى ئۇلۇغ توپچى، بىردىنبىر توپچى، ئالاھىدە توپچى، ئەگەر بۇنىڭغا قارار قىلىش مېنىڭ ئالدىمغا كەلسە ئۆزىل چوقۇم ئەڭ ئاخىرىدا سېتىلىدىغان توپچى بولاتتى، ئەمما كۇلۇب بىلەن ئۆزىل ئاللىقاچان بۇنىڭغا قارار چىقىرىپ بولدى» دېگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىل مەشقاۋۇل مورىنىئونىڭ جازالىشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ، راموس كىيىمىنىڭ ئىچىگە ئۆزىلنىڭ بىر قۇر كىيىمىنى كىيىپ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ قېتىم ئۆزىلمۇ ئۆزىنىڭ خان مادرىدتا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كەيگەن 10-نومۇرلۇق كىيىمىنى راموسقا سوۋغا قىلغان.
بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوڭ بېك ئاربىلوئامۇ ناھايىتى ھەيران قالغان ئۇ :«ئۇ يەكشەنبە كۈنى يۆتكەلدى، مەن تېخى بۇ چاقچاق دەپ ئويلىغان ئىدىم، ھازىر ئۇنىڭغا ئوخشاش توپچىنى تاپقىلى بولمايدۇ. توپ مەستانىلىرىغا نىسبەتەنمۇ بۇ ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر خەۋەر. چۈنكى كۆپچىلىك ھەممىسى ئۆزىلنى ياخشى كۆرەتتى» دېگەن. ھەتتا ئۆزىلنىڭ ئورنىنى ئېگەللىگەن ياش ماھىر ئىسكومۇ بۇنىڭغا ناھايىتى ئەجەپلەنگەن. ئەلۋەتتە خان مادرىدنىڭ بۇرۇنقى مەشقاۋۇلى مورىنىئومۇ تۇرۇپ قالمىدى، ئۇ يەنە خان مادرىد مەستانىلىرىنىڭ يارىسىغا تۇز سېپىپ :«ئۆزىل دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 10-نومۇر» دېگەن.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991