باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
شىنجاڭ U20 پۇتبول كوماندىسى جېجىياڭ بىلەن تەڭلىشىپ قالدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-09-02 10:57:26  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:www.basbas.cn  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2013-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ U20 ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. لىياۋنىڭ ئەنشەن ئولىمپىك مەركىزىدە A گۇرۇپپىدىكى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جېجىياڭ كوماندىسى مۇسابىقىسى 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدا جېجىياڭ كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئەسىگە ئامال قىلالمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يەنى مۇسابىقە باشلىنىپ 66 مىنۇت بولغاندا جېجىياڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسى ۋارتاسىغا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، بۇ توپنى ۋارتار ئېرجات تۇتىۋالغان بولسىمۇ، توپ قولىدىن چىقىپ كەتتى، جېجىياڭ كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ئەزاسى جۇاڭ جىياجې پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توپنى ۋارتاغا تېپىپ كىرگۈزىۋەتتى. ئەمما بۇ ئوفسايىت دەپ قارالغانلىقتىن، بۇ توپ ئىناۋەتسىز قىلىۋىتىلدى.
جېجىياڭ كوماندىسى جاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىدىكى ياش ئەزالارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، باش تېرىنىر ياپونىيەلىك. تاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىدا جېجىياڭ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى بىر گۇرۇپپىدا بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن جېجىياڭ كوماندىسى سەل قورۇنۇپ قالغاندەك تەسىر بەردى، شىنجاڭ كوماندىسى بولسا ناھايىتى ئازادە كەيپىياتتا مۇسابىقىگە كىرىشىپ كەتتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كاپىتانى، 2-نومۇرلۇق ئەزا مۇستاپا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىختىيارىي توپنى 29-نومۇرلۇق ئەزا ئابدۇلئەزىزگە تېپىپ بەردى، ئەمما ئابدۇلئەزىز بۇ توپنى سەل ئېگىز تېپىپ قويغانلىقتىن، ۋارتانىڭ ئۈستىدىن چىقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن جېجىياڭ كوماندىسى مۇسابىقە رىتىمىنى كونترول قىلىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. 25 مىنۇت بولغاندا، ئەلىجاننىڭ يىراقتىن تەپكەن بىر توپى سەل قېيىپ كەتتى. 39 مىنۇت بولغاندا، مۇستاپا توپ ئېلىپ مېڭىپ ماڭغاندا، ھۇجۇم جەريانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ سالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە جېجىياڭ كوماندىسىمۇ نەچچە قېتىم پۇرسەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، تەلىيى كەلمەي توپ كىرگۈزەلمىدى. 
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە جېجىياڭ كوماندىسى ھۇجۇم سېپىنى قايتىدىن رەتلەپ، كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بېكلىرى ئۇلارغا پۇرسەت ياراتمىدى. 76 مىنۇت بولغاندا مۇستاپا بىر ئىختىيارىي توپنى ئۇدۇل ۋارتاغا تەپكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەتەرلىك توپنى قارشى تەرەپ ۋارتاسى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ تۇرۇپ تۇتىۋالدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، يەنە 86 مىنۇت بولغاندا، رىپىر ئېرجاتنى قەستەن ۋاقىتنى كەينىگە سوزدى، دەپ بىر سېرىق كارتا بەردى. شۇنداق قىلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقە 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئالدىنقى قېتىم جېجىياڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىپادىسى ئومۇمەن ياخشى بولغان بولۇپ، ئەزالاردا زور ئىلگىرلەش بولغان. يەنە بىر جەھەتتىن بوي ئېگىزلىكى جەھەتتە جېجىياڭ كوماندىسى زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەيداندىكى ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بويى 1.80-1.85 ئەتراپىدا بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋارتاسى ئېرجاتنىڭ بويى 1.80 بولغاندىن سىرت، قالغان ئەزالارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.70 ئەتراپىدا. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى بويى ئەڭ ئېگىز بولغىنى 20-نومۇرلۇق ئەزا نىيازئەلى بولۇپ، بويى 1.87 مېتر.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى:
23-نومۇرلۇق ئەزا ئېرجات
2-نومۇرلۇق ئەزا مۇستاپا (كاپىتان)
4-نومۇرلۇق ئەزا مەھمۇت
5-نومۇرلۇق ئەزا شۈ ۋەنچۈەن
18-نومۇرلۇق ئەزا مەھمۇتجان
8-نومۇرلۇق ئەزا ئەلىجان
9-نومۇرلۇق ئەزا ئەخمەتجان (مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا 20-نومۇرلۇق ئەزا نىيازئەلى بىلەن ئالماشتۇرۇلدى)
12-نومۇرلۇق ئەزا سەلىقان
19-نومۇرلۇق ئەزا جاڭ يەنجۈن
29-نومۇرلۇق ئەزا ئابدۇلئەزىز (80 مىنۇت بولغاندا 17-نومۇرلۇق ئەزا لۇ چىچاۋ بىلەن ئالماشتۇرۇلدى)
11-نومۇرلۇق ئەزا سەلىقان (60 مىنۇت بولغاندا 6-نومۇرلۇق ئەزا ئەسەتجان بىلەن ئالماشتۇرۇلدى)
زاپاس ئەزالار:
1-نومۇرلۇق ئەزا ياڭ فەن
6-نومۇرلۇق ئەزا ئەسەتجان
10-نومۇرلۇق ئەزا ئەخمەت
14-نومۇرلۇق ئەزا مەردان
16-نومۇرلۇق ئەزا ئالماس
17-نومۇرلۇق ئەزا لۇ چىچاۋ
20-نومۇرلۇق ئەزا نىيازئەلى
21-نومۇرلۇق ئەزا جاڭ جىيەنمىڭ
27-نومۇرلۇق ئەزا ئەراپات
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى: پەرھات ئەزىمەت
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991