
خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىكى بىرازىلىيەلىك چولپان كاكا ئۆزىنىڭ خان مادرىدتىن ئايرىلىش ئويىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ياۋروپادىكى 4 كۇلۇب ئۇنى سېتىۋېلىش پېيىغا چۈشكەن. ئۇلار ئارسېنال كۇلۇبى، مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى، ئا س مىلان كۇلۇبى ۋە ناپولى كۇلۇبى بولۇپ، ئەمما كاكانىڭ ئۇدۇل مىلان كۇلۇبىغا قايتىش ئارزۇسى بار ئىكەن. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ياۋروپا يۆتكىلىش بازىرىنىڭ ۋاقتى توشۇپ تاقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەيلى كىم كاكانى سېتىۋالماقچى بولسۇن ئۇلارغا ۋاقىت ناھايىتى قىستاپ قالدى. مىلان كۇلۇبى بۇ سودىدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ كۇلۇب بولۇپ، گاللىيانى بۇ ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مەشقاۋۇل ئاللېگرىيمۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا كۇلۇبنىڭ ھازىر خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن كاكانى سېتىۋېلىش ئىشىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىلان كۇلۇبى مۇئاۋىن رەئىسى گاللىيانى بۇ ھەپتە ئاخىرىدا مادرىدقا بېرىپ خان مادرىد رەئىسى فىلورېنتىنو بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە كاكا ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار كېيىن قالغاندىمۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كاكانىڭ مىلانغا قايتقانلىقىنى جاكارلاشنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما مىلان كۇلۇبى كاكانى ئېلىپ كەتمەكچى بولسا بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنىلا ناھايىتى چوڭ. بۇ ئىشقا نىسبەتەن كاكا ئۆزى قوشۇلغاندىن باشقا، يەنە خان مادرىدنىڭ قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەينى ۋاقىتتا خان مادرىد كاكانى مىلان كۇلۇبىدىن سېتىۋالغاندا نۇرغۇن پۇل خەجلىگەن، ھازىر مىلان كۇلۇبى بولسا ناھايىتى تۆۋەن باھا بىلەن ھەتتا ھەقسىز ئېلىپ كېتىش خىيالىدا بولىۋاتىدۇ. بۇ تەرەپنى گاللىيانىمۇ ئىنكار قىلمىغان، يەنى ئۇ كاكانى سېتىۋېلىشنىڭ ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەنلىكىنى قايتا قايتا تەكىتلىگەن. «ئاس گېزىتى» نىڭ بىلدۈرىشىچە، پىرىنسىپ جەھەتتە خان مادرىد كاكانى مىلانغا بېرىشكە ئاللىقاچان قوشۇلغان، يەنە كېلىپ ھەقسىز بەرمەكچى بولغان. مىلان كۇلۇبى بۇ قېتىم كاكانى ئىجارە شەكلى بىلەن ئېلىپ ماڭماقچى بولغان بولۇپ، ۋاقتى ئىككى يىل بولىدىكەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئىككىلا تەرپكە پايدا بولىدىغان سودا بولۇپ قالغان. يەنى مىلان كۇلۇبى ھېچقانچە پۇل خەجلىمەيلا كاكانى ئېلىپ كېتىدىغان، خان مادرىد بولسا كاكانىڭ ئىككى يىللىق مائاشى بولغان 20 مىليون ياۋرونى ساقلاپ قالىدىغان بولغان. بەلكىم بىر ئىككى كۈن ئىچىدە خان مادرىد بىلەن مىلان كۇلۇبى كاكانىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى جاكارلىشى مۇمكىن. ئەمما مانچېستېر بىرلەشمىسى، ئارسېنال قاتارلىق كۇلۇبلار مۇبادا خان مادرىدنىڭ كۈتكىنىدەك باھانى چىقىرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەلكىم ئەڭ ئاخىرىدا بۇ سودىدا يەنە چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. |