باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ ۋاسكتبول كوماندىسى NBA غا قاتتىق «قويىلىپ كەتتى»
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-08-21 11:38:32  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:huanqiu.com  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
  ئۇدا نەچچە يىل چەتئەللىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەكلىپ قىلغان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكتبول كوماندىسى بۇ يىل جىم تۇرۇپ قالدى.
  ئۇلار ئىستراتىگىيىسىنى تەڭشەۋاتىدۇ. بىر ئاي بۇرۇن باش دېرىكتور خې چاڭجىياڭ ۋە تېرىنىر سۈي ۋەنجۈن ئامېرىكىغا بېرىپ NBA نىڭ ياز پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ كەلدى، بۇ ئىش كۇلۇب تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق يۈز بېرىشى. ئۇلار ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن ئىلگىرى ئىشلەتكەن «يۇقىرى سەۋىيەلىك» چەتئەللىك تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ NBA بىرلەشمىسىدە كۆمۈلۈپ قالغان، ئانچە كۆزگە كۆرۈنمىگەن تەنھەرىكەتچىلەر ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ باھاسىمۇ ئىلگىرى ئۆزلىرى چىقارغان ھەقتىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىكەن. گو جىيەن بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈپ باققان ياخشى، بولمىسا ئەينى يىلى مارتىن تەكلىپ قىلغاندا، بىز ئاز جاپا تارتمىغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى، يەنى ئىككى يىل ئاۋۋال بىر قانچە كۇلۇبلارمۇ بىزگە ئوخشاش NBA نىڭ داڭلىق ۋاسكتبولچىلىرىنى تاللىغانىدى، ئەمما بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدۇق. راست گەپنى قىلغاندا باھاسى بىرەر مىليونغا يېقىنلىشىدىغان چەتئەللىك ۋاستكبولچىلار CBA ئويناشقا ماس كېلىدىكەن».
  ئەمما مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ كوماندىسى بۇ يىل داۋاملىق چەتئەللىك ۋاسكتبولچىلارنى تەكلىپ قىلىشى مۇمكىنكەن، يەنە كېلىپ يېقىندىن بۇيان ۋاستىچى خېلى كۆپ ۋاسكتبولچىلارنىڭ ماتىرىيالىنى ئەكىلىپ بېرىپتۇ، بۇنىڭ ئارىسىدا NBA دا خېلىلا نامى بار داڭلىق ۋاسكتبولچىلارمۇ بار ئىكەن، ئەمما كەينىدىن بۇلار NBA كوماندىلىرىنىڭ توختامنامىسىنى تاپشۇرۋالغان بولۇپ، CBA گە كېلىش مۇمكىنچىلىكى قالماپتۇ.
  كوماندا ھازىرغىچە ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن NBA نىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئەھۋالىنى كۆزەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۇلۇب تەشكىللىگۈچى بېك ئېلىش ياكى نومۇر ئېلىش ئۇستىسى ئېلىش ھەققىدە بىرلىككە كېلىپ بولالمىغان.
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991