2013-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان «كاتتا يايلاق» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بۈگۈن 6-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. نەچچە كۈندىن بۇيان جىددىي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاخىرقى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە چىمپىيون بېكىتىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، بۇ ئايلانما مۇسابىقە نۇرغۇن پۇتبول سۆيەر مەستانىلىرىمىزنى جەلپ قىلدى. بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ھەرەمباغ كوماندىسى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن قارىماي كوماندىسى ئۇتتى. ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى چىمپىيوننىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ھالقىلىق مۇسابىقە بولۇپ قالدى. ئاتۇش كوماندىسى چىمپىيون بولىشى ئۈچۈن چوقۇم زور نومۇر پەرقى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى ئۇتقاندا ئاندىن چىمپىيون بولالايدىغان بولغاچقا، مۇسابىقە باشلىنىش بىلەن جىددىي ھۇجۇم قوزغىدى. ئەمما شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بوش كەلمىدى ۋە 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ قارشى تەرەپكە يېتىشىۋىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. ئاخىرىدا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 5 كە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئاتۇش ياشلار كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئاتۇش ياشلار كوماندىسى بۇ قېتىمقى «كاتتا يايلاق» مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولدى. ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئۈرۈمچى مەشرەپ كوماندىسى 3 كە قارشى 5 نەتىجە بىلەن كورلا كوماندىسىنى ئۇتتى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئەڭ ئادىل رىپىر، مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى قاتارلىقلار باھالاپ چىقىلدى، نىزامىدىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىسى بولۇپ سايلاندى.

|