2013-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى 5 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن تايلاند كوماندىسىغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ، جۇڭگو پۇتبولىنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرىۋەتكەن مىنۇتلاردا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ پۇتبول ئەترىتى شەندۇڭ ۋىيفاڭ ئۈمىد لوڭقىسى خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن كورىيە بۇسان كوماندىسىنى، 0 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن كورىيە ياڭپىڭ كوماندىسىنى، 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ياپونىيە ئوساكا كوماندىسىنى يەر چىشلىتىپ، چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
 ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى مۇسابىقىدە ئالدىنئالا چىمپىيونلۇقنى بېكىتىپ بولغان كىچىك ئەزىمەتلىرىمىز ياپونىيە كوماندىسىنىڭ «جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى» نى تاپشۇرۇپ ئالدى، چۈنكى ياپونىيە كوماندىسى ئۇتتۇرىغىنىغا تەن بەرمىگەچكە، يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشمەكچى بولغانىدى. ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تېرىنىرى قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا قارشى تەرەپنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى، گەرچە ئالدىن چىمپىيونلۇققا ئېرىشىپ بولغان بولسىمۇ، شان-شەرەپ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈش كېرەك ئىدى. ياپونىيە كوماندىسىنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشى كىچىك ئەزىمەتلەرنى بەكلا ھاياجانلاندۇرىۋەتتى. پۈتكۈل مۇسابىقە داۋامىدا مەيلى تەن قۇۋۋىتى، تېخنىكا، ماسلىشىپ پاس بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن، ئۇلار ئۆز ماھارىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، رەقىبىدىن ئۈستۈن تۇردى ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ياپونىيە ۋارتارسىنى ئىككى قېتىم «چۇۋۇپ» تاشلاپ، 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسى ئۇتتى، بۇ نەتىجە ئالدىدا قارشى تەرەپ ئاخىرى ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەردى. بىر كېچىدىلا قەيسەر شىنجاڭ «پۇتبول شاكىچىكلىرى» تور دۇنياسىدا قاتتىق نام قازىنىپ كەتتى.

كىچىك ئەزىمىتىمىز ئۆزى يالغۇز 48 توپ كىرگۈزدى ئۇنىڭدا پۇتبول ئۈچۈن سوقىدىغان ئوتلۇق يۈرەك بار، پۇتبول ئىشقىدا يېتىلگەن قەيسەر، ئىگىلمەس-سۇنماس ئىرادە بار، ئۇنىڭ ئىسمى دىلشات، بۇ يىل 13 ياش. بۇ يىل 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ ئىچى پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە ئۈمىد لوڭقىسى خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئۆزى يالغۇز 48 توپ ئۇرۇپ، «كۈمۈش توپ مۇكاپاتى»، «ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى» ۋە «كەلگۈسى ئۈمىد يۇلتۇزى» دىن ئىبارەت ئۈچ شەرەپلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «شاكىچىك پۇتبول چولپىنى» بولۇپ قالدى. ئۈچ يىل بۇرۇن، ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەن، غۇلجىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن دىلشات ھېچقانداق كەسپىي پۇتبول مەشىقى قوبۇل قىلىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت كىچىك بۇرادەرلىرى بىلەن توپ تېپىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.1 مېترغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنىڭ ھەم ئورۇق ھەم پاكارلىقىغا قاراپ، پۇتبول تېپىشكە لايىق ئەمەس، دېيىشكەنىدى. ئەمما پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق سەۋەبلىك دىلشات باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر پۇتبولدىن ۋاز كەچمىدى. 3-يىللىقنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى مەلۇم بىر كۈنى پۇرسەت ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول ئەترىتىنىڭ باش تېرىنىرى يارمۇھەممەت مەخسۇت غۇلجىغا كېلىپ مۇسابىقە كۆرگەندە، ئۇنى بايقاپ قالدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول ئەترىتىنىڭ باش تېرىنىرى يارمۇھەممەت مەخسۇت تەڭرىتاغ تور مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ھەرقانداق كەسپىي مەشىقنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما پۇتبول مەيدانىدىكى سۈرئىتىنىڭ ئىنتايىن تېزلىكىنى، توپ ئېلىپ نەچچە ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈشتە پەقەتلا تەمتىرەپ قالمايدىغانلىقىنى، قارىماققا ماھارىتىنىڭ خېلىلا يامان ئەمەسلىكىنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ ياخشى تەربىيلەشنى ئويلىدىم». شۇنىڭ بىلەن يارمۇھەممەت تېرىنىر دىلشاتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇنى 5-باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەپ كېتىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
 ئەمما دىلشاتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇرۇق-تۇققانلىرى يوق بولغاچقا، دىلشاتنىڭ ئاتا-ئانىسى 5-باشلانغۇچقا يۆتكەلسە يۈرەك پارىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ كەسپىي پۇتبول مەشىقى قوبۇل قىلىشىنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ياخشى مايسىلارنى نابۇت قىلىشنى خالىمايدىغان يارمۇھەممەت تېرىنىر دىلشاتنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزۇش تەكلىپىنى بېرىپ: «خاتىرجەم بولۇڭلار، مېنىڭمۇ ئىككى بالام بار، مەن ئۇلارنى قېرىنداش قىلىپ قويىمەن» دېدى. يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ بۇ سۆزلىرى دىلشاتنى ئاتا-ئانىلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، دىلشات يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئۈچ يىل تۇردى. ئەمەلىيەتتە بۇ يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق قىلىشى ئەمەس، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان 19 يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە بالا يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ ئۆيىدە تۇردى. يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ تەسىرىدە، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تېرىنىر ئەترىتىدىكى باشقا تېرىنىرلارنىڭ ئۆيىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللاپ كېلىنگەن پۇتبول مايسىلىرى ئۆسۈپ-يېتىلمەكتە.
تېرىنىرنىڭ ئۆيىدە ئۈچ يىل تۇرۇش جەريانىدا ئۇستاز-شاگىرتنىڭ مۇھەببىتى چوڭقۇرلىشىپ، ئاتا-بالىدەكلا بولۇپ كەتتىيۇرتىدىن، ئاتا-ئانا، قېرىنداش، دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن دىلشات دەسلەپ سەل يالغۇزسىراپ قالدى، ئۇنىڭ ئۆيىگە كەتكۈسى كېلەتتى. يارمۇھەممەت ئاكا بۇنى بايقىغاندىن كېيىن، دىلشاتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ، بالىغا ھەمراھ بولۇش تەكلىپىنى بەردى.شۇنىڭ بىلەن دىلشاتنىڭ دادىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىر ئاي تۇرۇپ، دىلشات يېڭى مۇھىتقا كۆنىۋالغىچە ھەمراھ بولدى. بۇ ئۇلۇغ دادا ئۆز يۈرەك پارىسى ئوغلىغا مۇنداق دېدى: «سەن بىر بۈركۈت، يۇرتىمىزدەك كىچىك يەرلەردە تۇرماستىن، كەڭرى ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىشىڭ كېرەك. بىزمۇ ساڭا چىدىمايمىز، ئەمما كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ، چېنىقىشىڭ كېرەك».دىلشات دادىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنسىمۇ، ئەمما يەنىلا يۇرتىنى قاتتىق سېغىناتتى. بۇ ۋاقىتتا يارمۇھەممەت ئاكا ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ، پۈتۈن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن تەربىيلەۋاتقان بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقى ئۇنىڭ سېغىنىش ئازابىنى يېڭىپ بۇ يەردە تىرىشىپ ئوقۇشقا ۋە پۈتۈن ئىشقى بىلەن پۇتبول تېپىشقا ياردەم بەردى.ئۈچ يىلدىن بۇيان دىلشاتنىڭ تۇرمۇش راسخوتىنىڭ ھەممىسى يارمۇھەممەت ئاكا بىلەن ئايالى ئۈستىگە ئالدى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئايالىممۇ 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇ كەسپىمنى بەكلا قوللايدۇ، شۇنداقلا مېنىڭ ‹بالىلىرىم› نىمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ. بۇ بالىلارغا ئاتىلىق مېھرى ئاتا قىلىپ، مەنمۇ دادا بولۇشنىڭ خوشاللىقىدىن بەھرىمان بولدۇم».بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ئادەتتىكىدە تەنتەربىيە دەرسىگە قاتناشقاندىن سىرت، دىلشات ۋە ئۇنىڭ كىچىك بۇرادەرلىرى ھەركۈنى دەرستىن بۇرۇن بىر سائەت، چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىككى پۇتبول مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ، چۈشتىن كېيىن مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن، مەكتەپ يەنە مەخسۇس ئىككى ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ قان-تەر ۋە تىرىشچانلىق سىڭدۈرگەنىكەن، چوقۇم ئۇنىڭ ئەجرىنى كۆرىدۇ. 13 ياشلىق دىلشاتنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.5 مېترغا يەتكەن بولۇپ، مەدەنىيەت دەرس نەتىجىلىرىمۇ ئالاھىدە ياخشى، پۇتبول ماھارىتىمۇ ئۈستۈن.ھازىر دىلشاتمۇ يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ ئۆز دادىسىدەكلا كۆرىدۇ. 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەمدىلا ئىچكىرى ئۆلكىدىن مۇسابىقىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن دىلشات يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ ئۆيىدە نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، غۇلجىدىكى ئۆيىگە قايتىشقا تەييارلاندى. بۇ ئۇنىڭ 5-باشلانغۇچ مەكتەپكە ۋاكالىتەن قاتناشقان ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى. دىلشات باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگەتكەن بولغاچقا، ئەمدى 5-باشلانغۇچ مەكتەپتىن شۇنداقلا ئۈچ يىل ياشىغان ئائىلىسىدىن ئايرىلاتتى.دىلشات كۆزى قىيمىغان ھالدا تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «تېرىنىر ماڭا خۇددى دادامدەكلا كۆيىنىدۇ، ھالىمدىن خەۋەر ئالىدۇ، يەنە ماڭا پۇتبول تېپىشنى ئۆگىتىدۇ».دىلشات ئۆزىنىڭ ئالما تېلېفونىنى چىقىرىپ، ئۆيىدىكىلەرگە تېلېفون قىلدى. كىچىكلا تۇرۇپ مۇشۇنداق ئېسىل تېلېفون ئىشلىتەمدۇ؟ يارمۇھەممەت ئاكا كۈلگىنىچە تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ دىلشاتقا بېرىلگەن مۇپاكات. ئۇ بەك گەپ ئاڭلايدۇ، پۇتبولنى بەك ياخشى تېپىدۇ ھەم تىرىشچان، شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا بەك ئامراق. باشقا بالىلار مۇشۇ تېلېفوننى ئىشلەتكەننى كۆرۈپ، مەنمۇ دىلشاتنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردىم». يارمۇھەممەت ئاكىنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىكىسى بولسا ئادەتتىكى بىر تېلېفون ئىدى.ئۇنىڭ كىرىستىيانو.رونالدودەك دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنى بولۇش ئارزۇسى بارپۇتبول تىلغا ئېلىنسىلا، دىلشات قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ: «مۇسابىقىدىكى ھەربىر قېتىملىق رەقىبنىڭ پۇتى ئاستىدىكى توپنى تارتىۋىلىش، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پاس بېرىش، ھەر قېتىملىق ياردەمچى پاس، ھەر قېتىملىق توپ كىرگۈزۈش مېنى چەكسىز ھاياجانغا سېلىپ، قاتتىق خوش قىلىۋېتىدۇ. مەن پۇتبولنى قىزغىن سۆيىمەن، داۋاملىق پۇتبول تېپىپ، كەلگۈسىدە بىرەر پۇتبول كۇلۇبىغا قېتىلىپ، كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۇيۇم بار».بۇرادەرلىرىنىڭ نەزىرىدە، دىلشات بىر «ئاكا» غا ئوخشايدۇ، شۇنداقلا ئۇ بۇ كوماندىنىڭ يادروسى، دىلشات تىلغا ئېلىنسىلا كىچىك بۇرادەرلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ھەۋەس ئۇچقۇنلىرى چاقناپ كېتىدۇ: «ئۇ كىرىستىيانو.رونالدوغا ئامراق، پۇتبول مەيدانىدا خۇددى كىرىستىيانو.رونالدوغا ئوخشاش، ھېچكىم ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ».دىلشاتنىڭ كىچىك بۇرادەرلىرى دىلشاتتەك كەلگۈسىدە بىر كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ، يېشىل مەيداننىڭ «غوجا» سى بولۇش، مىسسى، رونالدودەك دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، شەرەپلىك پۇتبول ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە بالىلار 1-سىنىپتىن تارتىپلا پۇتبول بىلەن ئۇچرىشالايدىكەن. مەكتەپتە ھازىر تۆت ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسى، بىر قىزلار پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار پۇتبول كوماندىسىغا قاتنىشىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىكەن. بۇنداق مۇھىتنىڭ تەسىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتبول ماھارىتى بارغانچە ئېشىپ باردى.2011-يىلى 5-باشلانغۇچ مەكتەپ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن 2-نۆۋەتلىك شەندۇڭ ۋىيفاڭ ئۈمىد لوڭقىسى خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۇدا يەتتە مەيدان ئۇتۇشتەك نەتىجە بىلەن چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى.2012-يىلى مەملىكەت تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ ئىچى پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 5-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر گۇرۇپپىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.قوش ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، پۇتبول ساھەسىدە 5-باشلانغۇچ مەكتەپ نام قازىنىپ كەتتى، تەكلىپنامىلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى، نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىلىرىنىڭ نەزىرىدە 5-باشلانغۇچ مەكتەپ بىر «نىشان» بولۇپ قالغان بولۇپ، پەقەت 5-باشلانغۇچ مەكتەپنى يەڭسىلا، ئۆزىنى ئۇزغۇنلۇق سەۋىيىسىگە يەتتى، دەپ قارايدىغان بولدى.كەلگۈسىدە كورىيە ۋە ياپونىيەنىڭ كوماندىلىرىنى يەنە بىر قېتىم يەر چىشلىتىشقا ئىشەنچىمىز بارتۇنجى قېتىم خەلقئارا مەكتەپ ئىچى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 12 توپ يەپ ئېچىنىشلىق ئۇتتۇردى، ئىككىنچى قېتىمدا پەقەت نەچچىلا توپ يىدى، بۈەۈنكى كۈنلۈكتە زور پەرق بىلەن رەقىبىنى يەر چىشلىتىدىغان ھالغا يەتتى، 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بۇنداق تېز ئىلگىرلىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ.20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە 5-باشلانغۇچ مەكتەپ سۇڭچىڭلىن پۇتبول مەكتىپى، شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە 20 نەچچە ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ بەردى، يەنە بىر قىسىم ئەزالار جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تايانچ كوماندىسى، دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىغا كىردى.يارمۇھەممەت ئاكا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسى بەك ياخشى، مەيلى قوزغىلىش كۈچى ياكى چىدامچانلىقتا بولسۇن، ئاسىيادىكى باشقا پۇتبولچىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بۇنىڭغا كۈچلۈك مەشىق قوشۇلغاچقا، پۇتبول مەيدانىدا باشقا پۇتبولچىلار يۈگۈرەلمەي قالغاندا، بىزنىڭ پۇتبولچىلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى يەنە يېتىپ ئېشىپ تۇرىدۇ، مانا بۇ ھەر بىر مەيداندا زور پەرق بىلەن غەلىبە قازىنىشىمىزدىكى سەۋەب. شىنجاڭدا نۇرغۇن ياخشى پۇتبول مايسىلىرى بار، ئۇلار كەسپىي مەشىق قوبۇل قىلىشقا بولۇپمۇ كەسپىي تېرىنىرغا بەكلا موھتاج، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى پارلاق».شىنجاڭدىكى كىچىك پۇتبولچى ئەزىمەتلىرىمىزنى مۇسابىقە جەريانىدا تاۋلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى باشلامچىلىق بىلەن مەملىكەت تەۋەسىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ دەرىجىسى بويىچە بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى ۋە بۇ بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ئارقىلىق پۇتبول تالانتى بار بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرمەكچى.بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يارمۇھەممەت ئاكا ئىنتايىن خوشال بولۇپ كەتتى، ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن: «پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ كەلگۈسىدە شىنجاڭ كوماندىسى، دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسى، دۆلەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى، دۆلەت كوماندىسىغا قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ۋە بالىلىرىمنىڭ كەلگۈسىدە يەنە ياپونىيە ۋە كورىيە كوماندىلىرىنى يەر چىشلىتىپ، شانلىق نەتىجە يارىتىشقا ئىشەنچىمىز بار». |