نەچچە كۈن ئاۋۋال رونالدو كوماندا بىلەن بىللە ئامرىكىدا چىلسى كۇلۇبى بىلەن چېمپىيۇنلىقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئويناش ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلغان ئىدى،قىلغان مەشىقلىرىنىڭ پايدىسىنى مۇسابىقىدە كۆرۈپ ئىككى توپ كىرگۈزگەن،بۇ ئۇنىڭ مەيداندىكى ياخشى ئىشلىرى.ئۇنىڭدىن باشقا رونالدو يەنە مەيدان ئاستىدىمۇ ئاز تولا ياخشى ئىشلارنى قىلغان.<<ماكا گېزىتى>>نىڭ ئەڭ يىڭى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،ئامىرىكىدا مەشىق قىلىۋاتقان چاغدا رونالدو ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىپ 30 دانە خاتىرە كومپىيوتىر سىتىۋالغان،مادردقا قايتقاندىن كىيىن بۇ كومپىيوتىرلارنى خانلىق مادرد كۇلۇبىنىڭ چوڭ-كىچىك خىزمەتچىلىرىگە سوۋغا قىلغان.

خانلىق مادرد كۇلۇبىنىڭ بىرىنچى ھۇجۇمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رونالدونىڭ قارىشىچە،كۇلۇبتا نەتىجە قازىنىش پۈتۈن ماھىر ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىرلىكتە تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن،پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتچىلەرمۇ كۆپ جاپالارنى تارتقان،ئۇلار بىرقىسىم تاشقى دۇنيا بىلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولۇپ،كۇلۇبتا ئۇلارنىڭ رولىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدىكەن،ئۇنىڭ قارشىچە بۇلار ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىغا بولغان ئازغىنە كۆڭلى ئىكەن.
بۇ يىل ياز ئۇ ئامىرىكىدا مەشىق قىلىۋاتقان چىغىدا ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ بازار ئايلىنىپ شۇ يەردىن 30 دانە خاتىرە كومپىيوتىر سىتىۋالغان،مادردقا قايتقاندىن كىيىن بۇلارنى خانلىق مادرد كۇلۇبىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە تارقىتىپ بەرگەن.بۇ رونالدونىڭ بىرىنچى قىتىم خىزمەتچىلىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئەمەس،ئۆتكەن يىلى ئۇ لوس-ئانجىلىستا دەم ئلىۋاتقان مەزگىلىدە 11 دانە ipad سىتىۋالغان،بۇ ipadلەرنىڭ باھاسى 50 مىليون ياۋرۇغا يەتكەن،مادردقا قايتقاندىن كىيىن بۇ سوۋغىلىرىنى يەنىلا شۇ قىشىدىكى خىزمەتچى-خادىملارغا بەرگەن.
رونالدو خىزمەتچىلەرگىلا كۈيۈنۈپ قالماستىن،سەپداشلىرىمۇ بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن،2011-يىلى خانلىق مادرد كۇلۇبىنىڭ ھەممە ئەزالىرى رونالدودىن بىردىن خىروستال ئاياققا ئىرىشكەن،رونالدو مۇشۇ سوۋغاتلىرى بىلەن سەپداشلىرىغا رەھمەت ئىيتقان،ئۇنىڭ نەزىرىدە،ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىمىغان بولسا ئۇنىڭ40 توپ كىرگۈزىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.ھازىرقى كۈندە رونالدو يەنە چوڭ سوۋغات تەقدىم قىلغان،<<ماكا گېزىتى>>نىڭ خەۋەر قىلىشىچە:<<رونالدو يىتىلىپ چوڭ ئادەم بولغان،ئۇ مەڭگۈ خانلىق مادرد كۇلۇبىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى>> ئىكەن .



|