تىڭشۈن تەنتەربىيە خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 28-ئىيۇل، شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما مۇسابىقىسىدە دۆلەت كوماندىمىز 3 كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئاۋسترالىيە كوماندىسىنى ئۇتتى. مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا يۈ داباۋ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر توپ ئۇردى، كەينىدىن سۇن كې، ياڭ شۈ، ۋۇ لېي كەينى-كەينىدىن توپ ئۇرۇپ جۇڭگو كوماندىسىنى شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى غەلىبىگە باشلىدى، شۇنداقلا بىر مەيدان ئۇتتۇپ ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە دۆلەت كوماندىسى بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوماندىسى بىر مەيدان ئۇتتۇپ ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ بەش نومۇرغا ئېرىشتى ۋە شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىكنى قولغا كەلتۈردى. ياپونىيە كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى ئۇتقاندىن كېيىن، ئىككى مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ يەتتە نومۇرغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولدى. ساھىپخان كوماندا كورىيە كوماندىسى ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ بىر مەيدان ئۇتتۇپ ئىككى نومۇرغا ئېرىشىپ، 3-لىككە ئېرىشتى. ئاۋسترالىيە كوماندىسى بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ، بىر نومۇر بىلەن ئەڭ ئارقىدا قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سانلىق مەلۇماتلاردا جۇڭگو كوماندىسى ئاۋسترالىيە كوماندىسىغا قارىغاندا ھەر جەھەتتە روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، توپ كونترول قىلىشتا جۇڭگو كوماندىسى %62.7 بولۇپ، ئاۋسترالىيە كوماندىسىنىڭ پەقەت %37.3 بولدى. تۆۋەندىكىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى سانلىق مەلۇماتلار:

|