بېيجىڭ ۋاقتى7-ئاينىڭ23-كۈنى،بارسېلونا كۇلۇبى ئۆزىنىڭ مەخسۇس تور بىكىتىدە،كۇلۇبنىڭ جېرراد-ماردىنونى يىڭى باش تېرىنىر قىلىپ بىكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان،مېسسى بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغان ئۇنىڭ كۇلۇب بىلەن ئىككى يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بارسېلونا كۇلۇبى ئۆزىنىڭ مەھسۇس تور بىكىتىدە،:<<بارسېلونا كۇلۇبى جېرراد-ماردىنو بىلەن ئىككى يىللىق توختام تۈزۈشتى،كىلەركى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە،ماردىنو بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرى بولىدۇ.بىرنەچچە سائەت ئىچىدە،ماردىنو بارسېلوناغا يىتىپ كىلىدۇ ۋە كۇلۇب بىلەن توختام تۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىدۇ>>دەپ ئېلان قىلغان.ماردىنونىڭ خىزمەتكە ئوۇنلاشتۇرۇلىشى تاساددىپىلىق ئەمەس،پەقەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېلان قىلغىنى ئوخشاش ئەمەس.ماردىنو كۇلۇب بىلەن ئىككى يىللىق توختام تۈزۈشكەن.
بارسېلونا كۇلۇبى مەخسۇس تورىدا ماردىنونى تونۇشتۇرغان،ئۇمۇ مېسسىغا ئوخشاش ئارگىنتىنالىق.1962-يىلى11-ئاينىڭ-20 كۈنى تۇغۇلغان ماردىنو بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن،لەقىمى بولسا<<تاتا>>.ماھىرلىق ھاياتىدا ئۇ<<نۇۋىر قېرى يىگىت>> كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان.بارسېلوناغا كىلىشتىن بۇرۇن ماردىنو <<نۇۋىر قېرى يىگىت>> كۇلۇبىنىڭ باش تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.ماردىنو بارسېلونا تارىخدىكى 4 ئارگنتىنالىق باش تېرىنىر،بۇنىڭدىن بۇرۇنقىسى بولسائورسىن،ئېلالا ۋە مىرودى.
ماردىنونىڭ ئۇتۇق قازانغان نەتىجىلىرى بار،2006 يىلىدىن 2011 يىلىغىچە پاراگىۋاي كوماندىسىنى يىتىكلىگەن،بۇ 5 يىل ئېچىدە ماردىنو ۋە پاراگىۋاي كوماندىسى خېلىلا ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.ماردىنو يەنە 2010 يىلى جەنۇبى ئامرىكا بويىچە ئەڭ ياخشى تېرىنىر بولغان،2010 يىلى پاراگىۋاي كوماندىسىنى 8 كۈچلۈك كوماندىغا ئەكىرگەن،2011 يىلى ئامرىكا قىتئەسى چېمپىيۇنلىقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا ئەكىرگەن،ماردىنونىڭ مۇداپىيە سېستمىسىنى باشقۇرۇش تېخنىكىسى ئالاھىدە ياخشى .باش تېرىنىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ كوماندىنى 4 قىتىم پاراگۋاي بىرلەشمىسىدە چېمپىيۇن قىلغان.
7-ئاينىڭ20-كۈنى،بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى لوسەيىر بىلانوۋانىڭ كىسەل سەۋەبىدىن ئېستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان،بۇ بىرنەچچە كۈن ئېچىدە بارسېلونا كۇلۇبى توختىماي يىڭى تېرىنىر ئېزدەشكە كىرىشىپ كەتكەن.لۇيىس-ئېنلىك بولسا كۇلۇبنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇپ قالغان،ئۇ1996 يىلىدىن تارتىپ 2004 يىلىغىچەبارسېلونا كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان،بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ B ئەترىتىدە 3 يىل باش تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.لىكىن لوسەيىر لۇيىس-ئېنلىكنى تۇنۇمايدىكەن،لىكىن ماردىنونى ياخشى تونۇيدىكەن،ئىككىسى جەنۇبى دۇنيا جەنۇبى ئافرىقا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۇنۇشقان ئىكەن،بارسېلونا كۇلۇبى ماردىنونىڭ ئويناش ئۇسۇلىغا شەكسىز ئىشەنگەن،مېسسىمۇ كونا يۇرتلۇقىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



|