بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، بارسېلونانىڭ پۇتبول چولپىنى ھارۋېي ۋە ئۇنىڭ قىز دوستى كۇنىلىئېلا ئىسپانىيە بلانېستا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مىسسى، ئىنىستا، فابرېگاس قاتارلىق چولپانلار بۇ توي مۇراسىمىغا قاتناشتى. ھارۋېينىڭ توي مۇراسىمى 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 180 مېھمان موناستېر ئۇسلۇبىدا 16-ئەسىردە سېلىنغان قۇرۇلۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمىغا قاتناشتى. 17 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە ھارۋېي ئېسىل، ھەشەمەتلىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئاۋۋال توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدىغان نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى، مەيداننى نۇرغۇن كىشىلەر ئورىۋىلىشتى. ۋالدېس بولسا نەق مەيدانغا بىرىنچى بولۇپ يېتىپ كەلگەن ھارۋېينىڭ بارسېلونادىكى سەپدىشى. فابرېگاس، مىسسى، ئىنىستا، باسكىيۇتېس، پېدرو، ئالبا، جاۋىئېر ماسچېرانو، ۋىللا قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن يېتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن سىرت بارسلونا سابىق چولپانلىرىدىن Oleg, Ezquerro, Gabriel, Reina, Jorqueraقاتارلىقلارمۇ بۇ توي مۇراسىمىغا قاتناشتى. كېلىنچەك كۇنىلىئېلا نەق مەيدانغا 19 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يېتىپ كەلدى، ئۇ ئىسپانىيەدىكى داڭلىق تويلۇق كىيىم لايىھىلىگۈچى لايىھىلىگەن تويلۇق كۆينەك كىيدى، توي مۇراسىمى 19 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى. ھارۋېي توي مۇراسىمىدا تاپشۇرىۋالغان بارلىق پۇلنى دوختۇرخانىغا ئىئانە قىلىپ، دوختۇرخانىدىكى كېسەل بالىلارغا ياردەم قىلدى. توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھارۋېي ۋە كۇنىلىئېلا توي مۇراسىمىدىن كېيىن سېيشېل تاقىم ئاراللىرىغا شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈشكە ماڭدى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى دەم ئېلىش قىلىۋاتقان پىك، پۇيول، قاتارلىق بارسېلونادىكى سەپداشلرى، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى كاسىلاس شۇنداقلا Bosque, Guardiola, Vilanovaلار ھارۋېينىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشمىدى.






|