باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
جۇڭگو ۋاسكېتبول كوماندىسى ئېچىنىشلىق ھالدا ئارگېنتىناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-07-11 12:39:36  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سىنا تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
     سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى   :  بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ  9- كۈنى، 2013- يىللىق ستانكۋېچ لوڭقىسى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ باسقۇچى جۇڭگو گۇاڭجۇ شەھىرىدە داۋاملىق ئىلىپ بېرىلىپ، جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئارگېنتىنا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول  كوماندا ئەزاسى بىرلا يى جيەنليەن قوش خانىلىق نومۇر ئېلىپ، ئاخىرى ئۇلار 44- 61 نەتىجە بىلەن ئارگېنتىنا دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە  ئىككىنچى بولۇپ قالدى، ھەم بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 44 نومۇر ئېلىپ، ستانكۋېچ لوڭقىسى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقە تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەكنى ياراتتى، شۇنداقلا كوماندا تارىخىدىكى ئىككىنچى تۆۋەن نومۇر بولۇپ قالدى، ئىلگىرى خەلقئارا لەۋھە تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە، دۆلىتىمىز ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن تۈركىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە 40 نومۇر ئالغانىدى.
 
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن پەقەت بىرلا ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى يى جيەنليەن 22 نومۇر ئالدى؛  ۋاڭ جلىن ئالتە نومۇر ئالدى؛ ليۇ ۋېي تۆت نومۇر ئالدى. 
 
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991