باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
‹‹خانلىق مادرد›› كۇلۇبى بەزى ئىش-ھەركەتلىرى ئارقىلىق كاكانى كېتىشكە ئۈندىدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-07-10 16:26:23  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:تېڭشۈن تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

  ئەنچېرودى بىلەن كاكانىڭ بوناۋۇ مەيدانىدا قايتىدىن ئۇچرىشىشى بىرچۈش تۈردىكى يىغىلىش،قارىغاندا ئىشلار ئۇنچىلىق گۈزەل بولماسلىقى مۇمكىن.ئەنچېرودىنىڭ خانلىق مادرد كۇلۇبىدا ماھىرنىڭ كۆپلىكىنى دىمەيلا تۇرايلى،كاكانىڭ ئازىرقى روھى ھالىتى مەشقاۋۇلنىڭ ئۇنى رەت قىلىشى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب. داڭلىق چولپان كاكانىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى بوناۋۇدىكى تەغدىرى قانداق بوپ كېتەر؟فولولۈندىنو بەزى ھەركەتلىرى ئارقىلىق بەزى ئىشلادىن بىشارەت بەرگەندەك تۇراتتى.

  ئىسپانىيە<<ماكا>>گېزىتىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە،23 نومۇرلۇق ماھىر يىسىكو بىلەن 15 نومورلۇق ماھىر كاۋاخار كۇلۇبقا كەلگەندىن كىيىن،خانلىق مادرد كۇلۇبى كۇلۇبقا قوشۇلماقچى بولغان يىلالامىندىغا كونا كۇلۇبىدا كەيگەن 8 نومۇرنى بەرمەكچى بولغان،لىكىن يىقىنقى مەزگىلدە بۇ نومۇرنى ئىزچىل كاكا كىيىپ كەلگەن،داڭلىق چولپان كاكانىڭ نومۇرىنى يىڭى كەلگەن ماھىرغا بەرمەكچى بولغىنىدىن قارىغاندا كۇلۇبنىڭ ئويلىغىنىغا كۆپ چۇشەنچە بەرمىسەكمۇ بولىدۇ.

  كىشىنى ئۈمۈدۋارلىققا چۆمدۇردىغان يېرى شۇكى،كاكانىڭ 8 نومۇرنى بېرىۋىتىشى ئۇنىڭ باشقا نومۇرنى كەيگۇسى بارلىقىنمۇچۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،مەسلەن بۇرۇنقى مىلان كۇلۇبىدا كەيگەن 22 نومۇر(دىمالىيانىڭ كۇلۇبتىن ئايرىلىش توغرىسىدىكى سۆز چۆچەكلەرنىڭ بولۇشى)ياكى باشتىلا كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان 5 نومۇرنى(ئېيشىن ئارىيەت توختام ۋاقتى توشۇپ كوماندىغا قايتىشتىن بۇرۇن)لارنى كىيىش ئېھتىماللىقلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ،لىكىن<<ماكا>>گېزىتىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە،كاكانىڭ كۇلۇبتا قىلىش ئېھتىماللىقى كۆپ ئەمەس،ئۇنىڭ يىشىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى ئەڭ چوڭ ئامىل،كۇلۇبنىڭ كوماندىدا ئىسلاھات ئېلىپ بىرىپ،ياشلارنى يىتەكلەش توغرىسىدىكى پىلانلىرى ئاساسىدا،21ياشلىق ياش ماھىر يىلالامىندىنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بۇلۇشى كاكانىڭكىدىن كۆپ ئەلۋەتتە،شۇنىسى ئېنىققكى كاكا كۇلۇبنىڭ پىلانىدا ئەمەس. ئەنچېرودىنىڭ كاكانى باشقا كۇلۇبقا كەتكۈزۈۋىتىشى ئىككىلا تەرەپكە يەخشى ئەلۋەتتە.

كاكانىڭ يۆتكىلدىغان كۇلۇبىغا كەلگەندە پەرەزلەر خېلىلا كۆپ ،<<مىلان تەنتەربىيە>>گېزىتى ئۇنى مىلانغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىدى،لىكىن<<ماكا>>،<<ئاسىبو>>گېزىتلىرىنىڭ قارىشىچە،كاكا<<ئامېرىكا پۇتبۇلچىلار قوشۇنىغا>> ياكى قايتىدىن<<شېڭباۋلو>>كۇلۇبىغا قايتىشى ئېتىماللىقى چوڭ بولىدىكەن.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991