باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> پۇتبۇل كۆزنىكى >>  
 
مىسسى مارادونا دىن ئېشىپ كەتتى، ئارگېنتىنا كوماندىسى 4:0 نەتىجە بىلەن گۋاتېمالا كوماندىسىنى مەغلۇپ ق
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-06-17 10:47:04  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سىنا تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
   بېيجىڭ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى 10:00 ( گۋاتېمالا ۋاقتى 14 - ئىيۇن 20:00 ) دا، گۋاتېمالا دۆلەتلىك پۇتبول مەيداندا بىر مەيدان خەلقئارا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بىلەن گۋاتېمالا پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندا ئەزاسى مىسسى ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، بىر قېتىملىق قالپاق ئوينىتىش ماھارىتىنى تاماملىدى ھەم دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كىرگۈزگەن توپ سانى مارادونا ( مارادونا 34 توپ كىرگۈزگەن ) دىن ئېشىپ كېتىپ، كرېسبو ( كرېسبو 35 توپ كىرگۈزگەن) بىلەن تەڭلەشتى، ئارقىدىن مىسسى ياردەمچى پاس بېرىپ، كوماندا ئەزاسى ئوۋگوستو فېرناندېس دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدىكى تۈنجى توپىنى كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 4-0 نەتىجە بىلەن گۋاتېمالا پۇتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى رىم شەھىرىگە بېرىپ ئىتالىيە پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان خەلقئارا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ.

  بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىككى دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ تۈنجى قېتىم مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشى بولۇپ، ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچ مەيدان دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم تەڭلىشىپ قالغانىدى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991