بېيجىڭ ۋاقتى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى سەھەردە، 2014- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ياۋرۇپا رايونىدىكى ئالدىن تاللاش باسقۇچىنىڭ 6- گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە پورتۇگالىيە دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلىپ، پورتۇگالىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا روسىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي پورتۇگالىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بىر قېتىملىق ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كوماندا ئەزاسى بوستىگا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر ھالقىلىق توپنى كىرگۈزدى؛ شۇنىڭ بىلەن پورتۇگالىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1-0 نەتىجە بىلەن روسىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قېلىپ، گۇرۇپپىدا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ لېكىن روسىيە دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى ئۇلاردىن ئىككى مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئىلىپ بارغان.
|