دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى فەن بىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 12 ماھىرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىر قىسىم تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى تاڭ قالدى، چۈنكى ئۆتكەن مۇسابىقە پەسلىدە ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان شىرئەلىجان تىزىملىكتە يوق ئىدى. ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرى: <<ئۇنىڭغا زادى نېمە بولدى؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن تىزىملىكتىن ئورۇن ئالالمىدى؟>> دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قىلىشتى.

شىرئەلىجان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: <<مېنىڭ مۇسابىقىگە ئوتتەك قاتناشقىم بولسىمۇ، ئەمما سالامەتلىكىم يار بەرمىدى. بېيجىڭدىكى ئەڭ ياخشى دوختۇر مىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، <سەن ئەمدى ماھىرلىق ھاياتىڭنى ئاخىرلاشتۇرساڭ بولغىدەك> دېدى، ئەمما مەن كېسەلگە ھەرگىزمۇ باش ئەگمەيمەن>>.
شىرئەلىجان يەنە مۇنداق دېدى: <<مەن 16 ياش ۋاقتىمدا كەسپى ماھىرلىق ھاياتىمنى باشلىدىم، ھازىرغا قەدەر پۇت، تىز، بەل قاتارلىق نۇرغۇن ئەزالىرىم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلاندى، بۇ يىل ئاپرېل شىنجاڭ كوماندىسى بىلنە بىللە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا تىزىم يارىلىنىپ قالدى. تىزىمغا سۇ يىغىلىپ قالغاچقا، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا ۋاكالىتەن شەرقىي ئاسىيا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىدى، بۇ قېتىم تىزىمدىن باشقا يەنە بېلىمنىڭ كونا ئاغرىقىمۇ قايتا قوزغالدى، مەن ئائىلەمدىكلەرنىڭ ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاغرىقىمنى ئۇلارغا دېمەيمەن، ئۇلار ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئۇقسا، <چوڭ مەسىلە يوق، خەۋەردە بەك كۆپتۈرۈۋېتىپتۇ> دەپلا جاۋاب بېرىمەن. مەن 2011-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر قەشقەردىكى ئۆيۈمگە قايتىپ باقمىدىم، شۇڭا ئۇلار مەندىن بەكلا ئەنسىرەيدۇ. <گۇاڭخۇي> كوماندىسىغا يېڭى قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىمدا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىم بەك ئاز ئىدى، شۇڭا قىسقىغىنە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىمنى قەدىرلەپ، مەشقاۋۇلنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن مۇسابىقە ئوينايتىم، يارام بەك ئېغىر بولمىسىلا مەشقاۋۇلغا دېمەيتتىم، ئەمدىلىكتە بولسا كېسەل بولغانلىقىم دەلىللەندى، بۇنىڭدىن كېيىن مۇسابىقىگە ئويناش ئادىتىمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۆزۈمنى ئاسراشقا دىققەت قىلىمەن>>.
مۇخبىر: ئاڭلىسام بۇلتۇر ئورۇقلاش ئۈچۈن قاتتىق جاپا تارتىپىسىز؟
شىرئەلىجان: مەن سۈرىتىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر يازدا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ساككىز كىلوگىرام ئورۇقلىدىم. ھەممىگە مەلۇم، ئورۇقلاش ئۈچۈن تاماققا ئالاھىدە دەققەت بولمىسا بولمايدۇ. مەن ئەتىگەندە تۇخۇمنىڭ ئېقىدىن بەشنى، شوخلىدىن ئىككىنى؛ چۈشتە بىرتال تەرخەمەك ياكى بىر دانە ئالمايېدىم، كەچتە ھورداققا چۈشۈدىغن بولغاچقا، بىر پىيالە ئاق پەتتە يېدىم. كۈندى يەتتە، سەككىز پوتۇلكا سڭ ئىچەتتىم، قورسىقىم بەك ئېچىپ چىدىيالمىغان ۋاقتىمدا، ئۈچ تال بانان بىلەن بىت دانە ئالما يەپ ئۆتكۈزدۈم>>.
ئۇ قاچان مەيدانغا چۈشۈش توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: <<مەن دوختۇرنىڭ گېپى بىلەنلا بەل قويۇۋەتمەيمەن، بىراق سالامەتلىكىم تولۇق ئەسلىگە كەلمىگىچە مەيدانغا چۈشۈشكە ئالدىرىمايمەن.>>