
يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: يېقىندا NBAنىڭ ۋاسكىتبول چولپىنى كوبى ئاپىسىنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقانلىق قىلمىشى سەۋەبلىك ئازراق ئازارلىشىپ قالغانلىقى خەۋىرى تارقالدى. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق غەيۋەتچىلەر تور بېتى بولغان TMZنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوبىنىڭ ئاتا-ئانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كوبىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلىغانلىق توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ كۆڭۈلسىزلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا كوبىنىڭ ئاپىسىنىڭ كوبىنىڭ نەرسىلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقانلىقى سەۋەب بولدى. كوبى ئاپىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان، ئۇ ھەتتا ئاپىسىدىن كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. كەينىدىن ئۇ يەنە ئاپىسى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان قىسمەن نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ئوغۇرلىغانلىقىنى، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، ئاپىسىنى ئەيىبلىگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كوبىنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى. ئۇلار بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋاتقان نەرسىلەرنى كوبىنىڭ ئاپسىغا ئۆزى سوۋغا قىلغانلىقىنى، ئاپىسىنىڭ بۇ نەرسىلەرنى سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. كوبى بىلەن ئاپىسىنىڭ سوتقا چۈشىشى ئانا-بالا ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈرۈپ قويدى، ھەتتا بۇ جەمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنمىچىلىك پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن. كوبىنىڭ دادىسى: «بۇ ۋاسكىتبول خاتىرە بۇيۇملىرىنى كوبى نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپىسىغا ئۆزى سوۋغا قىلغان. ئۇ يەنە ئۆز ئاغزى بىلەن ‹ئاپا بۇ نەسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىزگە بېرەي› دىگەن» دېدى. كوبىنىڭ ئاپىسىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئەزەلدىن ئوغلىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنىڭ نەرسىلىرىنىڭ ئېلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. كوبىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاپىسىمۇ باياناتقا ئىمزا قويۇپ، كوبىنىڭ ئاپىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، كوبىنىڭ ئاچىسى بولسا كوبىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇ ئاپىسىنىڭ ئىزچىل يوشۇرۇنچە كوبىنىڭ نەرسىلىرىنى سېتىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇ يەنە ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا جەمەتتىكىلەرنىڭ كوبىنىڭ سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ كۆپلەپ نەپكە ئېرىشسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن بۇرۇن كوبى سوتقا ئەرز سۇنۇپ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىنىڭ ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنى توختىشنى تەلەپ قىلدى. كەينىدىن سوت بۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىنىڭ كوبىنىڭ نەرسىلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى بۇيرىدى. كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، كوبىنىڭ ئاتا-ئانىسى كوبىنىڭ نەرسىلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشنى توختىتىشنى خالىمايدۇ، بۇنىڭ ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا پەقەت ۋاقىتلا جاۋاب بېرەلەيدۇ. |