27 -ئاپرىل «ۋۇلىن رىۋايىتى» تۇنجى قېتىم مالايسىيەگە يېتىپ كەلدى ۋە كۇئالالۇمپۇر جىڭۋۇ تەنتەربىيە سارىيىدا «ۋۇلىن رىۋايىتى 11» ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچ مەيدان ئاسىيا رايونى چىمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەرياندا ئىككى مەيدان چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىگە جۇڭگولۇق جەسۇر ماھىرلار قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا لى جىنلىياڭ بىلەن جى شىيەن جۇڭگوغا ۋاكالىتەن 77 كىلوگراملىقلار ۋە 61 كىلوگراملىقلار تۈرىدە ئالتۇن بەلۋاغنى قولغا كەلتۈردى.