باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىر ئەلىجان ۋە قىرانبېك جۇڭگو ئولىمپىك ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللاندى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-04-28 13:00:49  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سىنا تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

  يېقىندا جۇڭگو ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيتى يىڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو ئولىمپىك ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېزىملىكىنى ئىلان قىلدى.شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىر ئەلىجان مۇختەر ۋە قىرانبېك قاتارلىق ماھىرلار بۇ تېزىملىككە كىردى.
   شىر ئەلىجان بىلەن قىرانبېك ھازىر شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى تەركىبىدە گۈيجۇدا مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ۋاسكىتبول ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۈچۈن مۇسابىقە ئويناۋاتقان بولۇپ،شىر ئەلىجان ئۆزىنىڭ دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللانغانلىغىنى بىلگەندىن كىيىن بۇ ھەقتە:"مىنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەم شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش" دىدى.
  ئىگىلىنشچە بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت ئولىمپىك ۋاسكىتبول كوماندىسى 27 -ئاپرېل يىغىلىپ مەشىق قىلىشنى باشلايدىغان بولۇپ،شىر ئەلىجان بىلەن قىرانبېك شىنجاڭ كوماندىسىدىكى مۇسابىقىلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن كوماندىغا قايتىدىكەن.بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى بۇ يىللىق سىتانكېۋىچ لڭوقىسى ۋە شەرقى ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن. 

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991