2013-يىللىق مەملىكەتلىك ئوقيا ئېتىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى 15-ئاپرېل فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پۇتيەن شەھىرىدە ئاياغلاشتى. ئەرلەر كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە شۆخەيفىڭ، سۇڭ چۈبجې ۋە جۇ دېجىندىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭ كوماندىسى 212:218 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى ئۇتۇپ چېمپىيون؛ جىلىن كوماندىسى 208:217 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ كوماندىسىنى ئۇتۇپ 3-بولدى. ئاياللار كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە شەندۇڭ كوماندىسى 209:215 نەتىجە بىلەن چىڭدۇ ھەربىي رايون كوماندىسىنى ئۇتۇپ چېمپىيون؛ جىلىن كوماندىسى 207:217 نەتىجە بىلەن سەنشى كوماندىسىنى ئۇتۇپ 3-بولدى.بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە شەندۇڭ كوماندىسى ئالتە ئالتۇن مېدال؛ شەڭخەي كوماندىسى تۆت ئالتۇن مېدال؛ شىنجاڭ، لياۋنىڭ، سەنشى، شەنشى ۋە گۇاڭشى كوماندىلىرى بىدىن ئالتۇن مېدال ئالدى.

|