باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
مېسى ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسىدىكى مەرگەنلەر قاتارىدا 2-ئورۇنغا ئۆتتى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-03-15 15:22:30  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:ۋاڭيى تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

2012-2013     مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسى  1/8ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 2-كونتور مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان 8 كوماندا پۈتۈنلەي تاللىنىپ چىقتى. بارسېلونا يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. ئۇلار تۇنجى كونتتوردىكى مۇسابىقىدە، 0-2نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا ساھىبخان مەيداندا 4-0نەتىجە بىلەن مىلانغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. ئىككى كونتوردىكى مۇسابىقىدە 4-2 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە زەردارىنى شاللىۋېتىپ 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى. مېسىمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ  1/8ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى كونتورىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ قالدى. ئارگېنتالىق 10 نومۇر بارسېلونا ئۈچۈن دەسلەپكى ئىككى توپنى كىرگۈزۈپ، ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسىدىكى كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى جەھەتتە تارىختىكى 2-ئورۇنغا ئۆتتى.
   بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن مېسى بۇ قېتىملىق ئىككى توپى بىلەن 76 مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقسىىدە 58 توپ كىرگۈزۈپ، ۋانېينىڭ 56 توپىدىن ھالقىپ لائوردىن قالسىلا (142 مەيدان مۇسابىقىدە 71 توپ) 2-ئورۇندىكى مەرگەن بولۇپ قالدى. ياۋروپا چېمپيونلۇق تارىخىدا مېسى يەككە مەيداندا 2توپ كىرگۈزگەن قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان پۇتبولچى يەنى 16 قېتىم يەككە مەيداندا 2 توپ كىرگۈزدى. ياۋروپا چېمپيونلۇق لوڭقىسى شاللاش باسقۇچى تارىخىدا مېسى ئەڭ توپ كىرگۈزگەن توپچى جەمئىي 28 توپ كىرگۈزدى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991