بېيجىڭ ۋاقتى 13-مارت كەچ، 12-13مۇسابىقە پەسلىدىكى CBAبىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى 2-كونتور مۇسابىقىدىكى بىر مەيدان تۇتۇشۇشتا شەندوڭ سېرىق ئالتۇن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئالدىنقى يىللىق چېمپىيون بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى، لىنشۆلىننىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ۋە مورىسنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بىر توپنى چۈشۈرەلمەسلىكى بىلەن شەندوڭ كوماندىسى 94-92 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى يېڭىپ ئومۇمىي نەتىجىدە 2-2 بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى قولغا كەلتۈردى. 30 نومۇر ئالغان جېتى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى شەندوڭنىڭ ئاساسلىق تۆھپىكار بولۇپ قالدى. بېيجىڭ كوماندىسىدىن ماربورى 29 نومۇر، مورىس 26 نومۇر ئالدى. ئىككى كوماندىنىڭ تۇنجى كونتوردىكى تۇتۇشۇشىدا، بېيجىڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شەندوڭ كوماندىسىغا ئوتتۇرۇپ قويغانىدى، بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ يادرولۇق توپچىسى ماربورى گەرچە بار كۈچىنى چىقارغان بولسىمۇ، بىراق كوماندىنى يېتەكلەپ شەندوڭنى يېڭى پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. 3 چەتئەللىك ماھىرى بار بولغان شەندوڭ كوماندىسىنىڭ ئەۋزەللىكى زور بولۇپ، ساھىبخان مەيداندىكى ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئاۋارىچىلىقتىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ. بېيجىڭ كوماندىسىمۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ بىرەرسىدە يېڭىپ، ئۆزىنىڭ ساھىبخان مەيدانىغا قايتىشنى ئويلايدۇ.
|