بېيجىڭ ۋاقتى 13-مارت، شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى CBA بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى 2-كونتور مۇسابىقىسىدە 86-88 نەتىجە بىلەن گۇاڭدوڭ دوڭۋەن بانكىسى كوماندىسىغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويدى. شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى كونتور مۇسابىقىدە ساھىبخان مەيداندا گۇاڭدوڭ كوماندىسىغا ئوتتۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بۇ مەيدان مەغلۇبىيەت بىلەن ئەمدى چېكىنگۈدەك يول يوق، 3-كونتور مۇسابىقىدە چوقۇم ئۇتمىسا بولمايدۇ، بولمىسا، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن شاللىنىپ، كوماندىنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلىرى ئاياقلىشىدۇ، چېمپىيون بولۇش ئارزۇلىرىمۇ كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، بىراق گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلاردىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى.





|