باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە >>  
 
48 يېشىدا دۇنيا چېمپىيونى بولغان بوكسچى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-03-13 10:41:50  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سىنا تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

    خەلقئارا بوكسچىلار بىرلەشمىسى 79 كىلوگىراملىق ئايرىمىسنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 10-مارت نيۇيوركتا ئاياغلاشتى، 48 ياشقا كىرگەن ئامېرىكا ماھىرى خوۋكىنىسىن نومۇر جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ كىراۋدىردىن ئالتۇن كەمەرنى تارتىۋالدى.

   مۇسابىقىدىن كېيىن خوۋكىنىسىن مۇنداق دېدى: <<بۇ مۇسابىقە مېنىڭ بوكس ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم مۇسابىقىنىڭ بىرى بولغاچقا، مەن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە پۇختا تەييارلىق قىلدىم، گەرچە رەقىبىمنىڭ يېشى(31 ياش) بالامنىڭ يېشى بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، بىراق مەن يەنىلا تەجىرىبەم ۋە تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلدىم>>.

  

     خوۋكىنسنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى: خوۋكىنىسىن 1965-يىلى 15-يانۋاردا ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 1.84 مېتىر، كەسپىي ماھىرلىق ھاياتىدا 61 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 53 مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان، 32 مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتكەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ خەلقئارا بوكسچىلار كېڭىشى، خەلقئارا بوكسچىلار تەشكىلاتى، جەلقئارا بوكسچىلار بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا بوكسچىلار جەمئىيىتىدىن ئىبارەت تۆت تەشكىلاتنىڭ چېمپىيونلۇقىنى مونوپول قىلغان. ئۇ بۇ قېتىم چېمپىيون بولغاندىن كېيىن ئۆزى ياراتقان دۇنيا بوكس چېمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر رېكورىتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭلىدى. ئۇ 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ يەنە مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقانلىقتىن <<دۇنيا بوكس ساھەسىدىكى تاش قاتما>> دەپ نام ئالغان.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991