باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-03-11 10:53:57  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سىنا تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

   بېيجىڭ ۋاقتى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، 2012- 2013- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى تۈنجى مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا كونا رەقىبى بولغان گۇاڭدۇڭ دۇڭۋەن بانكىسى ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە،  ۋان ۋوفىر 30 نومۇر ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئاخىرى   76-86  نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ دۇڭۋەن بانكىسى ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ  ئومۇمى نەتىجىدە 0-1   نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالدى. ئەمدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا مۇسابىقە ئىلىپ بارىدۇ.

   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن پەقەت ئىككى ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى تاڭ جېڭدۇڭ  توققۇز نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جاڭ چىڭپېڭ 12  نومۇر ئالدى؛ شىرئەلىجان ئىككى نومۇر ئالدى؛  يۈ چاڭدۇڭ ئالتە نومۇر ئالدى؛  سېنگېلدون توققۇز نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم قالپاق كىيدۈردى ۋە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ۋون ۋافېر 30 نومۇر ئالدى؛ قىرانبەك ئالتە نومۇر ئالدى.

گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى. يى جيەنليەن 14 نومۇر، 18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ دىئوگو 17 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛  جۇ فاڭيۈ ئۈچ نومۇر ئالدى؛ دۇڭ جياڭخۇا تۆت نومۇر ئالدى؛  سېرون 21 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋاڭ شېپېڭ 18 نومۇر ئالدى؛ ليۇ شياۋيۈ يەتتە نومۇر ئالدى.


 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991