بېيجىڭ ۋاقتى 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، 2012- 2013- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بېنشى شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا لياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى 28 نومۇر ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئاخىرى 94- 102 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئومۇمى نەتىجىدە 2-2 بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى، ئۇلار مۇشۇ ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى جۈمە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بارىدۇ، قايسى كوماندا غەلىبە قىلسا تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ بارىدۇ.



|