باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ كوماندىسى لياۋنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئومۇمى نەتىجىدە 2-1 ئالدىغا ئۆتتى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-03-04 12:00:01  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:سىنا تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]
    بېيجىڭ ۋاقتى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى، 2012- 2013- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل تاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا CBA دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىدىكى ئەڭ لياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى شىرئەلىجان 28 نومۇر، ۋون ۋافېر 23 نومۇر، جاڭ چىڭپېڭ 20 نومۇر ئېلىپ ئاخىرى ئۇلار 112- 89 نەتىجە بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆز مەيدانىدا ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئومۇمى نەتىجىدە 2-1 ئالدىغا ئۆتتى.
 
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، شىرئەلىجان ئەڭ يۇقىرى بولغان 28 نومۇر ئالدى؛ ۋون ۋافېر 23 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جاڭ چىڭپېڭ 20 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 10 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ جېڭدۇڭ 16 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈ چاڭدۇڭ 11 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شېنگېردون سەككىز نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبەك تۆت نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى..

  لياۋنىڭ كوماندىسىدىن پەقەت تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى. لى شياۋشۈ 12 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ نياۋ ئۈچ نومۇر ئالدى؛ گو ئەيلۈن 15 نومۇر ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ۋە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ كاڭ مىڭ يەتتە نومۇر ئالدى؛ يوش 25 نومۇر ئالدى؛ جونسون 22 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى، بەش قېتىم گارغا توپنى كۆمتۈرۈپ كىرگۈزدى.
 
 
 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991