2012-2013-يىللىق جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چولپانلار مۇسابىقىسى 23-فېۋرال گۇاڭجۇدا باشلاندى، ياش ماھىرلار مۇسابقىسىدە ۋاڭ جىجى يېتەكچىلىكىدىكى جەنۇبىي رايون كوماندىسى 77:84 نەتىجە بىلەن مابۇرى يېتەكچىلىكىدىكى شىمالىي رايون كوماندىسىنى ئۇتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 23 نۇمۇر ۋە 18 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ جەنۇبىي رايوننىڭ غەلبە قىلىشىغا ئالاھىدە تۆھبە قوشقان ۋاڭ جېلىن <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر>> مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ مۇسابىقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە شىر ئەلىجان، دۇبى، ھايسىرىپ ۋە جۇ يەنشىدىن ئىبارەت تۆت ماھىرنىڭ نۇمۇرى تەڭ (16 نۇمۇر) بولۇپ قالغانلىقدىن، بۇ تۆت ماھىر قايتىدىن يەنە مۇسابىقىلىشىدىغان بولدى، 30 سېكۇنت ئىچىدە شىر ئەلىجان بىلەن دۇبى 10 نۇمۇرغا، ھايسىرىپ ئالتە نۇمۇرغا، جۇ يەنشى يەتتە نۇمۇرغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن شار ئەلىجان، جېجياڭ كوماندىسىدىكى دۇبى ۋە بېيجىڭ كوماندىسىدىكى جۇ يەنشى ئۈچەيلەن ھەل قىلغۇچ مۇھابىقىسىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى.

ماھارەت مۇسابىقىسىدە گۇاڭدۇڭ قوماندىسىدىكى ليۇ شاۋيۈ بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىدىكى گو ئەيلۇن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى. توپنى گارغا كۆمتۈرۈپ بېسىش مۇسابىقىسىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىكى گاۋ شاڭ، سەنشى كوماندىسىدىكى تيەن گۈيلىن بىلەن شاڭخەي كوماندىسىدىكى جەي يى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى. |