باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى CBA دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىنى غەلىبە بىلەن ئاياغلاشتۇردى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-02-18 11:03:00  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:شىنلاڭ تورى   ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

      بېيجىڭ ۋاقتى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى، 2012- 2013- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 34- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل تاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا CBA دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى بولغان دۇڭۋەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى شېنگىردون ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كەلدى، ئۇ 19 نومۇر، 12 قېتىم قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋون ۋافېر ئەڭ يۇقىرى بولغان 31  نومۇر ئېلىپ ئاخىرى ئۇلار  118- 71 نەتىجە بىلەن دۇڭۋەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق  جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىملىق مۇسابىقە باسقۇچىنى ناھايىتى چىرايلىق ئاياغلاشتۇردى.  ئۇلارنىڭ پەسىل ئاخىرقى مۇسابىقە باسقۇچىدىكى تۈنجى رەقىبى بولسا لياۋنىڭ كوماندىسى بولىدۇ.

    دۇڭۋەن ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن پەقەت بىرلا ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،  كوماندا ئەزاسى خاسلېپ  29 نومۇر ئالدى؛  لى مۇخاۋ سەككىز نومۇر ئالدى؛  ئې چۈۋەن  سەككىز نومۇر ئالدى؛  جاۋ جى سەككىز نومۇر ئالدى؛ سۈن تۇڭلىن بەش نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.


 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991