6-فېۋرال، جۇڭگو CBAبىرلەشمىسىنىڭ دائىملىق مۇسابىقىلىرىنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى يەنى 32-ئايلانمىسى ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىكى بىر مەيدان قىزىق نۇقتا مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مېھمان مەيداندا جېياڭسۇ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئۈچ كونتوردا ئىزچىل ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، بىراق چەتئەللىك ماھىر ۋېيفونىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئاخىرىدا 112-102 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىۋالدى. ۋېيفو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 51 نومۇر ئالغان بولۇپ، يالغۇز 3 نومۇرلۇق توپتىنلا 9نى چۈشۈردى. بۇ قارشى تەرەپ بارلىق ئەزالىرىنىڭ چۈشۈرگەن 3 نومۇرلۇق توپتنىڭ ئومۇمىي سانىدىنمۇ يەنە 2سى ئارتۇق. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن ۋېيفو 51 نومۇر ئالدى، 3 نومۇرلۇق توپتىن 13نى تاشلاپ 9 نى چۈشۈردى. تاڭجىڭدوڭ 12 نومۇر، 7 گاردىن قايتقان توپ، جىكسون 15 نومۇر، 5 گاردىن قايتقان توپ، شىرئەلى 7 نومۇر ئالدى. 1995-1996 مۇسابىقە پەسلىدىن ھازىرغىچىلىك جىياڭسۇ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى جەمئىي 33 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى 18 مەيدان ئۇتۇش، 15 مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن ئاكتىپ ئورۇندا تۇرغان. بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا شىنجاڭ كوماندىسىى 112-102 نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغانىدى.



|