47-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زەيتۇن توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئومومىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 4-فېۋرال يېڭى ئورلىئان شەھىرىدە ئاياغلاشتى، بالتىمور<<قاغا>> كوماندىسى 31:34 نەتىجە بىلەن سانفىرانسىسكو <<49 ئادەم>> كوماندىسىنى ئۇتۇپ چېمپىيون بولدى.
دۇنيا بويىچە ئېقتىسادىي قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ مۇسابىقە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلىپ قىلدى، مۇسابىقىنىڭ تېلېۋىزىيەدە كۆرگۈچىلىرىنىڭ سانى بولسا نەچچە يۈز مىليونغا يەتتى. <<49ئادەم>> كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە ئىلگىرى بەش قېتىم، <<قاغا>> كوماندىسى بىر قېتىم چېمپىيىون بولغانىدى، بۇ قېتىم <<قاغا>> كوماندىسى <<49 ئادەم>> كوماندىسىنى ئۇتۇپ بۇ مۇسابىقىدە 2- قېتىم چېمپىيونلىققا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشچە، چېمپىيون بولغاندىن كېيىن <<قاغا>> كوماندىسىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى 92 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن مۇكاپاتلانغان.

|