2013-يىللىق سىنوك پېشۋالار مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى21-يانۋار ئاياغلاشتى، سېربى 6:10 نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە 175مىڭ فوندستېرلىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەنگىلىيە سىنوك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە سىنوك پېشۋالار مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.