

2013-2012 - يىللىق جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ 24-ئايلانما مۇسابىقىسى 18-يانۋار شەھىرىمىزنىڭ قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ گۇاڭخۈي كوماندىسى 109:119 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى ئۇتتى.

شۇ كۈنى ئاياغلاشقان باشقا مۇسابىقىلەردە جياڭسۇ 115:124 نەتىجە بىلەن فوشەن كوماندىسىنى؛ دۇڭخۈەن كوماندىسى100:108 نەتىجە بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنى؛ چىڭداۋ كوماندسىسى 101:104 نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىنى؛ گۇڭشەن كوماندىسى 86:112 نەتىجە بىلەن شاڭخەي كوماندىسىنى؛ سەنشى كوماندىسى 97:115 نەتىجە بىلەن جىلىن كوماندىسىنى؛ شەندۇڭ كوماندىسى 104:114 نەتىجە بىلەن تيەنجىن كوماندىسىنى ئۇتتى. |