ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنھەركەت مەكتىپى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، 2013-يىللىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش-ئۆسمۈرلەرچېلىشىش مۇسابىقىسى 12-،13- يانۋار مەزكۇر مەكتەپنىڭ چېلىشىش مەشىق زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-،46-ئوتتۇرا مەكتەپ، سايباغ رايونلوق ئىشتىن سىرىتقى تەنھەر كەت مەكتىپى، شەھەرلىك 5-،16-،21-باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن بولۇپ جەمئىي يەتتە كوماندىنىڭ 148ماھىرى قاتناشتى.

مۇسابىقە ئوغۇللارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرى بىلەن قەدىمىي چېلىشىش تۈرى ۋە قىزلارنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرى بويىچە ئۆتكۈۈزلدى.ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چېلىشىش ماھىرلىرى ئوغۇللارنىڭ ئەركىن چېلىشىش ۋە قەدىمىي چېلىشىش تۈرلىرىنىڭ ھەرقايسى گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىلەرگە ئېرىشىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ كوللېكتىپلار بويىچە 1-لىكنى قولغا كەلتۈردى. |