باش بەت | پۇتبول كۆزنىكى | شىنجاڭ تەنتەربىيەسى | ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە | ۋاسكېتبول دۇنياسى | ئۇنۋېرسال تەنتەربىيە
 
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> ۋاسكېتبول دۇنياسى >>  
 
شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا فوشەن كوماندىسىنى ئۇتۇۋالدى
 
يوللىغان ۋاقىت:2013-01-10 11:46:00  يازغۇچى:گۈلمىرە  كىلىش مەنبەسى:sina.com  ئاۋاتلىقى:0   [ مەنمۇ ئەسەر يوللايمەن ]

   شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى  بېيجىڭ ۋاقتى 1- ئاينىڭ 9- كۈنى، 2012- 2013- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 20- ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئۆز مەيدانىدا فۇشەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى؛ فۇشەن كوماندىسىنىڭ ئۈچ چەتئەللىك ماھىرى داۋاملىق مەيدانغا چۈشتى، شىنجاڭ كوماندا ئەزاسى شىنگېردون يارىلىنىپ قالغانلىق تۈپەيلىدىن مەيدانغا چىقمىدى، ئاخىرى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 108- 101 نەتىجە بىلەن فۇشەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇدا  ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار تۈنجى ئۇچرىشىشتا فۇشەن كوماندىسى 101-91 نەتىجە بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، تاڭ جېڭدۇڭ 29 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋېيفۇ 32 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  شىرئەلىجان 16 نومۇر ئالدى ۋە بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مۇرات ئالتە نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈ چاڭدۇڭ ئالتە نومۇر ئالدى؛ شۈ گوچيۇڭ بەش نومۇرئالدى؛ قىرانبەك 12 نومۇر ئالدى.فۇشەن ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،  كوماندا ئەزاسى مادانرى  30 نومۇر ئالدى؛  زېڭ لىڭشۈ توققۇز نومۇر ئالدى ۋە ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  رېن جۈنۋېي 14 نومۇر، يەتتە ، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جېڭ جۈن ئالتە نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇڭ كاڭمىڭ 24 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ پاگېس يەتتە نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جۈن مىڭشڭن 11 نومۇر ئالدى.

 

Basbas.CN ©2008 E-Mail:info@basbas.cn
新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
互联网电子公告(BBS)服务资质  |  移动网信息服务业务资质
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2848484 -0991